ياڭ جيەنلى: يېڭى باش ئەلچى شيې فېڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە «چىلبۆرە» دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ياڭ جيەنلى: يېڭى باش ئەلچى شيې فېڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە «چىلبۆرە» دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن
Photo: RFA

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى ئورنىغا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭنىڭ تەيىنلىنىشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

شيې فېڭ 23-ماي كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ 24-ماي كۈنى ئىنگلىز تىلىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ باش ئەلچىلىك يېڭى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى دىپلوماتلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شيې فېڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1964-يىلى4-ئايدا تۇغۇلغان شيې فىڭ بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن. ئۇ خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى دىپلوماتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمىتىنى باشلىغان. 2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا تۇرۇشلۇق 6-نۆۋەتلىك كومىسسارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2021-يىلدىن 2023-يىلى 5-ئاينىڭ23-كۈنىگىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدە بولغانىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يېڭى نۆۋەتلىك باش ئەلچىسى شيې فېڭ ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە نۆۋەتتە تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى چىن گاڭ بۇ يىل 1-ئايدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بۇ ئورۇن تۆت ئايدىن بۇيان بوش قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە شيې فىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنىكەن.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «پولىتىكو» گېزىتىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ 4 ئايدىن بېرى ۋاشىنگتونغا باش ئەلچى ئەۋەتمەسلىكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئۆتكۈر ھەم ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارالغان.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىلىك ئورنىنى تۆت ئايغىچە بوش قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خېلى ئىلگىرىلا شيې فېڭنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك باش ئەلچى بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپلەر تارقالغانىدى. ئەمما بۇ ئورۇن ئۈزلۈكسىز بوش تۇردى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئاشكارا ئىپادىلەنمەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى باش ئەلچى تەيىنلىمەسلىكتە كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى نەچچە ئاي مەزگىلىدە خىتاينىڭ شيې فېڭنى دەرھال بۇ ۋەزىپىگە ئەۋەتمەسلىكى بۇ ئىمكانىيەتنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى قەستەنلىك بىلەن بولغان دېيىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قايتۇرغان ئىنكاسى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە خىتاي ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەل بولمىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش نىيىتىنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈرمەكچى. بۇنىڭدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ پوزىتسىيەدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى دېسەك بولىدۇ. شۇڭا شيې فېڭنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. بەلكىم ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشى باشلىنىشىمۇ مۇمكىن».

ياڭ جيەنلى يەنە شيې فېڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەربىيەلىگەن دىپلومات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى شيې فېڭنى بىر كەسپىي دىپلومات شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بىرقەدەر ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىس دەپ تەرىپلىدى. ئەمما يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇستەقىل بىر ئورگان ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ۋەزىپىدىكى دىپلوماتلارنىڭ تارىختىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن شيې فېڭنىڭمۇ بەرىبىر شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بولغىنى ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە كۆرە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى «چىلبۆرە» دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، تېخنولوگىيە، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسى، خىتايدىن ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا كىرگەن جاسۇسلۇق شارى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر سەۋەبىدىن بارغانچە ئۆتكۈرلەشكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىمۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇيان توڭلىتىلغانىدى. بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شيې فېڭنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپنى يۇمشىتىش پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەمما ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى، يېڭى تەيىنلەنگەن باش ئەلچى شيې فېڭنىڭ كېلىشى بىلەن، بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يۇمشاش ياكى ياخشىلىنىش بولۇشى تەس ئىكەن.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «بەزىلەر خىتاينىڭ شيې فېڭنى ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىشى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش ھەققىدە بېرىلگەن سىگنال دەپ قارىماقتا. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى ئىنتايىن تەس. چوڭ ۋەزىيەتتىن ئالغاندا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى توقۇنۇش بارغانچە شىددەتلىك بولۇشى مۇمكىن.»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە بۇ توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلىش ئىكەن. ھالبۇكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنى بارغانچە ئېنىق تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا خەلقئارا ئىقتىساد، سودا-تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تەرەپلەردىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىكەن. تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىدە بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش ياسىشى ۋە يۇمشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

24-ماي خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەنگەن شيې فېڭ ۋاشىنگتوندا ئۆز خىزمىتى ھەققىدە بايانات بەرگەن كۈنى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم شۇ كۈندىكى نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلار خىتاينىڭ ئامېرىكا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش پائالىيەتلىرىدە بولغان. ئۇلار 24-ماي ئەتىگەندە ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات دېگەن خەتلەر يېزىلغان مايكا ۋە لوزۇنكىنى قويغان. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئاقساراي ئالدىدا يەنە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.