خىتاينىڭ «ھېكايە» سى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقى
2023.10.09

خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشە ۋە قىزىقىشلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش تاكتىكىلىرىدىمۇ تۈرلۈك «يېڭىلىق» لار مەيدانغا كەلدى. «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى دەل بۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭىلىق» لىرنىڭ بىرى. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلىرىنى «ھەقىقەت» دەپ ئەمەس، بەلكى «ھېكايە» دەۋاتاتتى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھېكايە بولسا باش ئاخىرى بولغان بىر ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىشى بولۇپ، ۋەقەلىك راست بولۇشىمۇ، يالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى ھېكايە راست ياكى يالغاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى راست-يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان «ھېكايە» لىرىنىڭ قارشىسىدا ھەقىقەتنى سۆزلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى باش تارتماس مەسئۇلىيىتى ئەلۋەتتە.
بۈگۈن بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دەل شۇ «ھېكايە» لىرىدىن بىرى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىمىز.
بۇ يىل 17-سېنتەبىر خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» دە «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ بۈيۈك نەتىجىسى» نامىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا «15مىڭغا يېقىن كارخانا تەكلىپ قىلىنىپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان» لىقى بايان قىلىنغان. ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كارخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي كارخانىلىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دېھقانلاردۇر. ئۇيغۇر دېھقانلار نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى دەل جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە مەنسۇپ ۋە ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان جايلاردۇر. خىتاي 2021-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق «ئاق تاشلىق كىتاب» ىدا خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 2 مىليوندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى (ئەمەلىيەتتە قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 6 مىليوندىن كۆپ) ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىمۇ 2 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى بۇ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستىكى نوپۇسنىڭ 83 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بولسا 74 پىرسەنتتىن كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
خىتاي ئېلان قىلغان بۇ سانلىق مەلۇمات بويىچە قارىغاندا، «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن 15 مىڭ خىتاي كارخانىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان 2 مىليون ئىشچىنىڭ زادى قەيەردىن پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئىككى مىليون ئەمگەك كۈچى دېگەنلىك جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يۇقىرىقى نىسبەت بويىچە يېرىمىغا يېقىن كېلىدىغان بىر ساندۇر. ماقالىدە قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋاللىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغىنىدىن قارىغاندا، 2 مىليون ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بۇ ۋىلايەتلەردە ئىكەنلىكى ۋە تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇ ھالدا بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال كاللىمىزغا كەلمەي قالمايدۇ. يەنى، دېھقانلارنى ئاساس قىلىدىغان بۇ ۋىلايەتلەردە بۇنچە كۆپ ئەمگەك كۈچى زادى قانداق پەيدا بولدى؟ ئەلۋەتتە، بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر قىسىم سىياسەتلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن بۇيان ئېغىر زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلاردىن باش كۆتۈرەلمەي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن 2010-يىلىدىن بۇيان بۇ زۇلۇملارنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك پەللىگە چىققانلىقى بىر ھەقىقەت. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ زۇلۇملار ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى باش نىشان قىلىپ كەلدى. بۇنداق بولۇشى سەۋەبسىز ئەمەس بولۇپ، ئەسلىدە خىتاي ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش پىلانىنى باشلىغانىدى. بۇ يىللاردا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ ئەنگاڭنىڭ «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى» دوكلاتى خىتاي جەمئىيىتىدە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ قىزىق نۇقتا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خۇ ئەنگاڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپ، مىللىي كىملىك سۆيگۈسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەھدىتنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم يولىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش، يەنى خىتايدا بىرلا مىللەت «جۇڭخۇا مىللىتى» يارىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، «خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا رايون تارىخىي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭنىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستانچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىش كېرەك» ناملىق ماقالىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنى ئازايتىش قارىشى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى ماقالىدا ئۇ «شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭنى خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئىقتىساد، سىياسەت ۋە مەدەنىيەتتە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېرەك» لىكىنى بايان قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، خۇئەنگاڭ ۋە شۈ جيەنيىڭ قاتارلىق خىتاي ئاكادېمىكلىرىنىڭ بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى 2010-يىلى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش خىتاينىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن بولسا، 2014-يىلى بۇ ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپلا كىرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن كۈنلۈك نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.
بۇ يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نىشانلىق سىياسەتلىرىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قانچە نۇقتىلار بار. ئۇ بولسىمۇ بىرى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىش؛ يەنە بىرى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى دېھقانچىلىق كەسپىنى تاشلاپ، ئىشچى بولۇشقا زورلاش.
قارايدىغان بولساق، خىتاي يۇقىرىقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئاتالمىش كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش نامىدا، «دېھقانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپ» لىرىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىپ قۇرۇشقا باشلىغان. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا 2010-يىلىدا «ھەمكارلىق كوپىراتىپى» دىن 3652 سى بولۇپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە بۇ كوپىراتىپلارنىڭ سانى 26424 كە يەتكەن. يەنى ئون يىل ئىچىدە «ھەمكارلىق كوپىراتىپ» لىرىنىڭ سانى يىلىغا ئىككى مىڭدىن كۆپ ئېشىپ ماڭغان. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك «ھەمكارلىق كوپىراتىپى» بولسا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان «يەر ئىسلاھاتى» ۋە «پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈمى» نىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇيغۇرلار دەل بۇ تۈزۈم ئاستىدا ئۆزلىرىگە مەنسۇپ زېمىن ۋە بايلىقلىرىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، تۈرلۈك زۇلۇملارغا ئۇچرىغان.
دەرۋەقە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا «ھەمكارلىق كوپىراتىپ» لىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنىڭ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەس ئەمەس ئەلۋەتتە!
يەنى، خىتاي يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كۆلىمى ئون مىليون موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان يەر 35پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدا ئىكەن. يەنى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدا ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا 31 مىليون 167مىڭ مو بولۇپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بۇ ساننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
يۇقىرىقى دەلىللەردىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئېلىگە «تەكلىپ قىلىنغان» 15 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كارخانىسىنىڭ «2 مىليون كىشىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان» لىقى دەل خىتاي سۆزلەۋاتقان «ھېكايە» دۇر. ئەمما بۇ «ھېكايە» نىڭ كەينىدىكى رېئاللىق بولسا، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ۋە خەلق ھەمكارلىقىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە، مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىشى، قۇل ئىشچىغا ئايلاندۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش جىنايىتىدۇر!
***
بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.