خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلىۋاتقان «مەسىلە» نىڭ تۈگۈنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.06.15
li-kechyang-ikki-yighin.jpg خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئىككى يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ.
AFP

8-ئىيۇن «خىتاي خەۋەر تورى» دا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن توققۇز جەھەتتىن قىرىق ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر لى كېچياڭنىڭ جىددىي چاقىرىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالتە جەھەتتىن ئوتتۇز ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئېلىش ھەققىدىكى 12-نومۇرلۇق ھۆججەت» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، تېخى يېقىندىلا خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭ يۈز مىڭ كىشىلىك تېلېۋېزىيە يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۇھىم يول يورۇقلارنى بەرگەن. خىتاي مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىمۇ 25-مايدىكى خەۋىرىدە لى كېچياڭنىڭ يۈز مىڭ كىشىلىك تېلېۋېزىيە يىغىنىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

لى كېچياڭنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى جىددىي چاقىرىقى خەلقئارادا خىلمۇ خىل پەرەزلەرگە سەۋەب بولماقتا. بەزىلەر بۇ مەسىلىنى خىتاي يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئانالىزچىلار، بۇ مەسىلىنى خىتاي ئىقتىسادىدا ھەقىقەتەن «مەسىلە» كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراشماقتا.

مەزكۇر يىغىننىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ يىغىن ئاساسلىقى ئالاھىدە زايوم تارقىتىش، كارخانا قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، شۇنداقلا شەخسلەر بېجى ۋە كارخانا تاپاۋەت بېجىغا مۇناسىۋەتلىك ئېتىبار سىياسەتلىرى قاتارلىق ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىش ۋە جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان. قىسقىسى، بۇ يىغىننىڭ خىتاي ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى دائىم تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم لى كېچياڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە جىددىي چاقىرىق قىلىشى، ئەلۋەتتە نورمال ھادىسە ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا مەزكۇز مەسىلىگە ئالاقىدار بۇنچە كۆپ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن بىر ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە بۇنچە سەزگۈز مۇئامىلىدە بولىدۇ؟

«تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جيەنخۇا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن توققۇز جەھەتتىن 46 تۈرلۈك تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئامىلنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بىرى، مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش. يەنى يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان 12-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن؛

يەنە بىرى، 4-ئايدىن بېرى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، سودا-تىجارەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى زور توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان يېڭى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يوقۇرىقىدەك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى زۆرۈر بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

يەنى، ما جيەنخۇا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان بۇنچە كۆپ تەدبىرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قىلچە يوشۇرمىغان. دېمەك، مەسىلە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ياكى چېكىنىشكە يۈزلەنگەنلىكى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ چېكىنىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشىدۇر.

بىزگە مەلۇم، يېقىندا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۈر قانۇننىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئىمپورت سودىگەرلىرى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىغا دائىر ئىسپات كۆرسىتىش جەريانى ناھايىتى قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن. يەنى ئۇلار تەمىنلىگەن ئىسپاتلار چوقۇم كىشىنى قايىل قىلىدىغان بولۇشى، ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بولمىغان بولۇشى كېرەككەن. بۇنىڭدىن باشقا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىق ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات قىلىپ سۇنۇلىدىكەن. ئەگەر تەمىنلەنگەن ئىسپاتلاردا ساختىلىق بايقالسا، ئامېرىكا تاموژنىسى مەزكۇر تىجارەتچىگە كېرەكلىك جازا بېرىدىكەن.

ئامېرىكا قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دېموكراتىك بىر دۆلەت. شۇنداق بولغاچقا مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەريانىدا، خىتايدىكى ساختىلىق، كۆز بويامچىلىقلارنىڭ ئامېرىكادا ئاقمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ، جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ئۆتكەن.

ما جيەنخۇا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. يەنى، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارىخانىلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش؛ مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال ۋە ئېكسپورتتىن ئىبارەت بۇ «ئۈچ چاق» نىڭ بىردەك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ زېمىن ئىجارە پۇللىرى قاتارلىق تۈرلۈك چىقىملىرىنى بىكار قىلىۋېتىش، ئەۋزەل سىياسەتلەر ۋە ئىقتىساد ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش؛ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇشتەك رولىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئاساسەن مەركەزدىن يولغا قويغان سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. . . . ۋەھاكازالار.

دېمەك، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان دىققىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە دائىر قانۇننىڭ ئىجرا باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ھادىسىلەر، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور توسالغۇ پايدا قىلىش ئېھتىمالىدىن سىگنال بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇيغۇر دىيارىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى بېرىشى بولسا، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم سىياسىتى» نامىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى بىر ئۇچى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىغا تۇتاشتۇرۇلغان، يەنە بىر ئۇچى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئارقىلىق ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى لېنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە تۇتاشقان ئۇيغۇر دىيارى بۈگۈن خىتاي ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان جان تومۇرغا ئايلانغانىدى.

يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن خىتاي ماللىرى ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرگەندە، قاتتىق تەكشۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ مەسىلە بەلكىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىغا، شۇنداقلا ياۋروپا قاتارلىق ئامېرىكا تەرەپدارى دۆلەتلەرنىڭمۇ كەينى-كەينىدىن مەجبۇرىي ئەگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدە قارار ئېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ناھايىتيى ئېنىقكى، بۇ ئەھۋالدا كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.