خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش مەسىلىسى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.08.22
apaq-xoja-mazar-maziri-305.png ئاپاق خوجا مازىرى
RFA/Qutluq


ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا تونۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئوخشىمايدىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن نادىر ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىپارخان ھەققىدىكى خەۋەر ماقالىسى شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپارخاننىڭ ھىكايىسىنى قايتا قۇراشتۇرۇپ بازارغا سېلىش مىسالى ئارقىلىق، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئىپارخان ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىگە «ئىناق جەمئىيەت ئەپسانىسى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان، ئاپتور ئاندرۇ جەيكوبس ماقالىسىگە قەشقەردىكى ئاپپاق غوجا مازىرىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ساياھەت يېتەكچىسى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلىدىغان ئىپارخان ھىكايسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپارخان ھەققىدىكى ھىكايىسىنىڭ بىر - بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن باشلىغان. ئۇ قەشقەردىكى مۇھىم بىر دىنىي ئورۇن بولغان ئاپپاق غوجا مازىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاپتوبوسلارغا لىق توشۇپ كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ چىڭ خاندانلىقى ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش كىيىنىپ، رەسىمگە چۈشىدىغان ئورۇنغا ئايلانغانلىقى، بۇ يەردىكى خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئورۇننىڭ خۇشپۇراق تارقىتىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدىغان ۋە كېيىن چىڭ پادىشاسى تەرىپىدىن ئوردىغا ئەپ كېتىلگەن ئىپارخانغا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان بىر قەبرە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدىن قارىغاندا، خىتاي ساياھەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ساياھەت يېتەكچىسى «ئىپارخاننىڭ قەبرىسى» نى تونۇشتۇرغاندا «ئىپارخان بىلەن چيەنلۇڭ خان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئىپارخان ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىدا دەپنە قىلىنىشى ئۈچۈن 120 چېرىك ئەسكىرى بىلەن ئۇنىڭ مېيىتىنى يۇرتىغا يولغا سالغان. سەپەرگە 3 يىل ۋاقىت كەتكەن» دەپ چۈشەندۈرگەن. بىراق ئاندرۇ جەيكوب ئەينى چاغدا ساياھەتچىلەر توپىنىڭ نېرىسدا تۇرغان بىر يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر ھىكايىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن :

- يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەمەلىيەت خىتاي دائىرىلىرى ئېيتقاندىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەن، ئۇ ماڭا ئىپارخاننىڭ ھىكايسىى ئەمەلىيەتتە بىر تراگېدىيە، ئىپارخان ئوردىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلغاندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا چيەنلۇڭ خاننى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن چيەنلۇڭ خاننىڭ ئانىسى تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن، دېدى. بۇ يەرلىك ئۇيغۇر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، مەندىن ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ماڭا «بۈگۈنكى كۈندە ئىپارخان ھەققىدە خىتايلار بىلىدىغان ھىكايە پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. ئەمەلىيەتتە ئىپارخاننىڭ بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىمۇ يالغان» دېدى.

ئاپتور ئاندرۇ جەيكوبس ماقالىسىنى داۋام قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت تۇتۇۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەرنى بۇرمىلاپ كەلگەنلىكىنى، مەسىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىليونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان ئاچارچىلىققا ماۋ زىدۇڭنىڭ خاتا سىياسىتى ئەمەس، بەلكى ناچار ھاۋانىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي تارىخ كىتابلىرىدا كورىيە ئۇرۇشىنى دۇنيادىكى تارىخچىلار بىرلىككە كەلگەندەك شىمالىي كورىيە ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا باشلىغان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن :

- خىتايدىكى ئېتنىك ئاز مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا كەلگەندە بولسا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخ ماشىنىلىرى ھەدېسە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى تارىختىن بۇيان خىتاي تېررىتورىيىسىدە ياشاپ كەلگەن مىللەت قىلىپ كۆرستىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ياشىغان زېمىنلىرىنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. خىتايدىكى تارىخچىلار ئاساسەن دېگۈدەك كومپارتىيە تەرىپىدىن سىزىپ بېرىلگەن سىزىقنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ. ئۆز تارىخىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭكىدىن ئوخشىمايدىغان قىلىپ يازغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تارىخچىلىرىنىڭ كىتابلىرى بولسا چەكلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ كەسپىي ھاياتىمۇ ۋەيران قىلىنغان.

ئاپتور ئاندرۇ جەيكوبس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە تارىخنى بۇرمىلاش ئارقىلىق، ئۇنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مىللەتلەرنى باشقۇرۇشىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ، توختىماي ۋەقە يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپارخاندىن ئىبارەت بۇ شەخىسنىڭ ھىكايىسىنى قايتا بازارغا سېلىش ئارقىلىق، ئۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋاستىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مودا بولۇشقا باشلىغان ئىپارخان ھىكايىسى ئوخشىمىغان مەزگىللەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە بايان قىلىنغان. دەسلەپكى يىللاردىكى ھىكايىلاردا ئىپارخاننىڭ ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ، چىن ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ئىپارخاننىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھقا قارشى چىقىپ، ئىپپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھىكايە قىلىنغان بولسا، ھازىر بۇ ھىكايە پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن. ھازىرقى ئىپارخان ھىكايىسىنىڭ رومانتىك نۇسخىسىدا پادىشاھنىڭ ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەخسۇس قەشقەر ئوردىسى سېلىپ بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن يۇرتىنىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ بەرگەنلىكى ۋە بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ياشىغانلىقى ھىكايە قىلىنىشقا باشلىغان.

ئاپتور ئاندرۇ جەيكوبس خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارىختىكى ئايال قەھرىمانلارنىڭ ھىكايىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ھازىرقى سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئادىتىنى تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخىدىكى ئايال قەھرىمانلارغىمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى مىسال قىلغان. بۇ ھىكايىلەردە موڭغۇللار نى«ياۋايى» قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا، تىبەت پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنغانلىقى ھىكايە قىلىنىدىغان خىتاي مەلىكىسى ۋېنچىڭنىڭ تىبەتلەرگە تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكى، تىبەت يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنلىكى، قىسىقىسى ئۇلارغا مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدىكەن. بىراق، بەزى تارىخچىلار بۇنداق بىر مەلىكىنىڭ ھەقىقەتەن تارىختا ئۆتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن. نۇرغۇن تىبەتلەر مەلىكە ۋين چىڭ ھىكايىسىنىڭ تىبەتلەرنى قالاق، مەدەنىيەتسىز، خىتايلارنى ئۇلارغا مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقىدىن نارازى ئىكەن. ئاپتور ئاندرۇ جەيكوبس ماقالىسى داۋامىدا، خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ھەدەپ بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىپارخان ھىكايىسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن :

- نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىپارخان ھەققىدىكى ھىكايىدىن نارازى. بولۇپمۇ ئۇلار ئاپپاق غوجىنىڭ قەبرە تېشى بار بىر ئورۇننىڭ خىتاي ياساپ چىققان ئەپسانىنىڭ ئابىدىسى قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىدىن قاتتىق نارازى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخچىلار يىللار ئىلگىرى ئىپارخانغا ئائىت قەبرىنىڭ بېيجىڭغا يېقىن جايدا تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇرلار تاۋاپ قىلىدىغان ئاپپاق غوجا مازىرىنىڭ ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلۇشىمۇ ئۇلارنى غەزەبلەندۈرۈۋاتقان يەنە بىر ئەھۋال. ھازىر بۇ ئورۇننى بىر خىتاي شېركىتى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇ يەرگە كىرىش ئۈچۈن ھەق تۆلەش كېرەك.

ئاپتور ئاندرۇ جەيكوبس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىدىكى نيۇرلانس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرشۇناس رايېن تومنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە چىڭ خاندانلىقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلغان بىر قەھرىماننى مەخسۇس تاللاپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئۇنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالدى» دەپ ماقالىسىنى ئاياقلاشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.