خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىدىكى يېڭى قورالى: تور ئەدەبىياتى

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.10.07
tor-yazghuchiliri-uyghur-ziyaret-1024 شاڭخەيدىكى چىماۋ ئاخبارات گۇرۇھى تەشكىللىگەن «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق بېيىتىش» تۈرى نامىدىكى يازغۇچىلار پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى سېنتەبىر
chinawriter.com.cn

تور ئەدەبىياتى—رەقەملىك ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىدىغان ئاممىباب مەزمۇندىكى بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى تور ئەدەبىياتىنىڭ تارقىلىشچانلىقى تېز، ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم خىتاي ۋە ئۇيغۇر تور يازغۇچىلىرىنى ياللاپ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا.

«خىتاي يازغۇچىلار تور بېتى» خەۋەرلىرىدە، 15-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى چىماۋ ئاخبارات گۇرۇھى تەشكىللىگەن «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق بېيىتىش» تۈرى نامىدىكى يازغۇچىلار پائالىيىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دۆلىتى بويىچە تاللانغان 36 نەپەر تور يازغۇچىسى ۋە مۇھەررىرلەردىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئۇيغۇر ئېلىگە سەپەر قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە شۇ ئەتراپتىكى رايونلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار يەنە سەييارە نۇتۇق سۆزلەش، كىتاب ئىئانە قىلىش ۋە يازغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەردە بولغان.

مەزكۇر «چىماۋ ئاخبارات كارخانا گۇرۇھى» نىڭ ئىلگىرىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يازغۇچىلار ئارىسىدا بىرقانچە قېتىم «گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.

خىتاي تور يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت تەشۋىقاتىدىن مەلۇمكى، ئۇلار قايتقاندىن كېيىن «شىنجاڭ» تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يېزىشقا دەۋەت قىلىنماقتا. ئەمەلىيەتتە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە سەپەر قىلىپ، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى باش تېما قىلىنغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىز ئۈچۈن يېڭىلىقمۇ ئەمەس.

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، پات-پات دولقۇن كۆتۈرۈش—خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم قوللىنىدىغان تاكتىكىلىرىدىن بىرى. مەسىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى قوزغىغان ئىدېئولوگىيە كۈرەشلىرىدىن 1956-يىلىدىكى «ئېچىلىپ سايراش»، 1980-يىللاردىكى «بۆلگۈچىلىككە قارشى تۇرۇش»، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپېڭ ھوقۇق بېشىغا چىققاندىن كېيىن باشلانغان «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش»، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردا كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» قاتارلىقلارنى شۇنىڭ مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.

خىتاي يازغۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا تەشكىللەش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق مەدەنىيەت ئېڭى» تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

خىتايدىكى ئەڭ ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپات بولغان «ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» 2023-يىلى ليۇ لياڭچېڭ قاتارلىق بەش كىشىگە بېرىلگەن. بۇ مۇكاپات 1981-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «شىنجاڭلىق» بىر يازغۇچىغا بېرىلگەن. ئۇنداقتا بۇ ئالىي مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ليۇ لياڭچېڭ كىم بولىدۇ؟ ليۇ لياڭچېڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇيغۇر رايونىغا تۇنجى تۈركۈمدە كېلىپ يەرلەشكەن بىڭتۈەنلىك خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرىدە جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى يايلاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ شەك-شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەشۋىقاتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەر ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى خىتايدا بۇ خىل ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى باھالاشتا ئەسەرنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى ئاساس قىلىنىدۇ.

كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان يېرى شۇكى، خىتاي يازغۇچىلار بىڭتۈەن ئەسكەرلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىپ، يەرلىك خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكىدەك «مۇنەۋۋەر» ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئالىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ شۆھرەت قازانغان ئاشۇ مىنۇتلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان، زىيالىيلارغا تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيگۈزۈپ، جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باھانىسى بىلەن پەردازلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.

ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك يازغۇچى جەيمىس بالدۋىن (James Baldwin) ئىلگىرى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشىنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىنى «ئاقلارنىڭ گۇناھسىزلىقى» (white innocence) دەپ تەنقىد قىلغانىدى. بالدۋىن يەنە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەر، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە كىنو-فىلىملەردىن پايدىلىنىپ يەرلىك خەلقلەرنى كونترول قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ خىل ھادىسە بىلەن سېلىشتۇرساق، خىتايلار ئۆز تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلمىشلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى جىسمانىي ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن كونترول قىلىشنى يەنىمۇ چىڭىتىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ خىل ھادىسىنى بىزمۇ تىرناق ئىچىدىكى «خىتايلارنىڭ گۇناھسىزلىقى» (Han innocence) دەپ ئاتىساق، ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز، ئەلۋەتتە.

ھازىرقى زامان خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خىتاي تور يازغۇچىلىرىنىڭ «شىنجاڭ» تېمىسى قىزغىنلىقىمۇ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىنى ئىنكار قىلىش، پەردازلاشتىكى تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىزگە مەلۇمكى، خىتاي مەنبەلىرىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» تېما قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن ئورتاق مەزمۇن ۋە تەسۋىرلەر بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاي كۆچمەنلەر ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر بىلەن ياشاش جەريانىدا ھەر زامان خەلق ئىچىگە چۆكۈپ، يەرلىكلەرنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلارغا يېڭىلىقلارنى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىدۇ، شۇ تەرىقىدە ئىجىل-ئىناق ياشايدۇ، ھەتتا يەرلىكلەر بىلەن نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرىدۇ.

بۇ خىل ئەسەرلەر كۆپىنچە يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغان ئاساستا يارىتىلغان. شۇڭا خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە خىتايلار ياراتقان ئەسەرلەر، ئۇلار ئەمەلىيەتكە ئاشۇرماقچى بولغان «غايىۋى چۈش» ئىدى. يەرلىك خەلقلەر بىلەن خىتايلار ھېچ بىر زامان ھەقىقىي تۈردە ئىتتىپاق بولالمىغان، قارشىلىق، سۈركىلىش ۋە تىركىشىشلەر داۋاملىق بولۇپ تۇرغان. 1990-يىللاردا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى، 2009-يىلى يۈز بەرگەن «شاۋگۈەن ۋەقەسى»، «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تور يازغۇچىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تور يازغۇچىلىرىنىمۇ خىتاي ئېيتىمى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇرلىماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ئەلتەمۇر» ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ يازغان تور ھېكايىلىرى ۋە تور رومانلىرى خىتاي ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئەلتەمۇر ئەسەرلىرىنىڭ خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكى ۋە پۈتۈن كۈنلۈك تور يازغۇچىسى قاتارىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئەلتەمۇر ئەسەرلىرى خىتاي تارىخى ۋەقەلىكلىرىنى ھازىرقى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا باغلاپ يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «مەن قەھرىمان»، «ئاتام خەن گاۋزۇ» ۋە «ئۈچ پادىشاھلىق قىسسىسىنى تېپىۋالدىم» قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئەلتەمۇر مۇخبىرلارغا بەرگەن زىيارىتىدە «مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتلارنى ئاساس قىلىمەن» دېگەن كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. بۇ سۆزلەرگە ئارتۇق ئىزاھاتنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.

خىتاي ئۆلكىسىدىن كەلگەن بۇ بىر تۈركۈم تور يازغۇچىلىرى مۇخبىرلارغا قەشقەر خەلقى بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئېھتىياجى يوق. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئەدىب ۋە ئالىملىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، ئۈگۈت-نەسىھەتلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئەنئەنىسى توغرىسىدا بىلىم بەرگەن، ئەسەر يازغان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناھەق تۇتقۇن قىلىندى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلدى. بۇ ئەدىبلەردىن پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىياز ۋە گۈلنىسا ئىمىن قاتارلىقلار ھازىرغىچە ئەركىنلىككە چىققىنى يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تور ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئەدەبىياتىنى بېيىتىش» شوئارى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تور يازغۇچىلىرىنى پەقەتلا ئۆز سىياسىتىنىڭ تەشۋىقات ئەلچىسى قىلالايدۇ، چۈنكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئوزۇقى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز يازغۇچىلىرى، ئەدىبلىرىدىن كېلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئەسەرلىرى بىلەن بېيىيدۇ ۋە ياشنايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.