ئەقىدە پولات: «لى جىڭجىڭ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاپام راھىلە داۋۇتنىمۇ زىيارەت قىلالامسىز؟»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.03.18
xj-parchilash-xitay-teshwiqati-li-jingjing خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە مۇخبىرى لى جىڭجىڭ X تە تارقاتقان «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى؟» ناملىق ۋىدىيونىڭ ئېكران كەسمىسى. 2024-يىلى يانۋار.
Photo: RFA

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات قانىلى بولغان CGTN، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا قىسمەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن ئىنگلىزچە فىلىملىرىنى كۆپلەپ تارقاتماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىلىق ئارقا-ئارقىدىن سوئال سوراپ ۋە پروگرامما ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان CGTN نىڭ ئاتالمىش مۇخبىرى لى جىڭجىڭ، بۇ قېتىم خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىلى ئاينۇر ئابباسنى ئېكرانغا چىقارغان.

12-مارت كۈنى CGTN تارقاتقان بۇ تەشۋىقات فىلىمىدا، لى جىڭجىڭ سۆزىنى ئالدى بىلەن «ئاينۇر ئابباسنىڭ بۇ ھېكايىسى، سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ شىنجاڭدا قانداق ياشايدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ» دەپ باشلىغان.

ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ بۇ يىل فېۋرالدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئاينۇر ئابباس يېقىنقى يىللاردا گۈل ۋە پىرەنىك دۇكىنى ئېچىپ روناق تاپقان كارخانىچى ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا يەنە «ئۈرۈمچى سايباغ رايونى ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئالاقىلىشىش مەركىزى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىقلىق ئىكەن. 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا گۈل دۇكىنى ئېچىپ ئىش باشلىغان ئاينۇر ئابباس ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن چىققان شىركىتى ۋە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن. لى جىڭجىڭ ئاينۇر ئابباسنى تاراتقۇلارغا كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان.

راھىلە داۋۇت غايىب بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ۋىدېيولۇق سالام يوللاپ، ئۇنى كۈچلۈك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

بۇ تەشۋىقات فىلىمىمۇ خۇددى خىتاينىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» كە دائىر بىر يۈرۈش تەشۋىقاتىغا ئوخشاش، ئاينۇر ئابباس ئۇنىڭ گۈل دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي!» دەپ ئۈنلۈك شوئار توۋلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

بۇ تەشۋىقات فىلىمى يالغۇز خىتاينىڭ CGTN قانىلى ۋە لى جىڭجىڭنىڭ خ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا تارقىتىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى دىپلوماتى جاڭ خېچىڭ قاتارلىقلارنىڭ شەخسى ھېسابلىرىدىمۇ تارقىتىلغان. ئۇنىڭ بۇ تەشۋىقات فىلىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەنقىدىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان.

بەزى ئىنكاس قالدۇرغۇچىلار خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنى «يىرگىنچلىك» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تاكتىكىلىرىغا ئوخشاتقان.

خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت ئاينۇر ئابباس ئىسىملىك ئاتالمىش ئۇيغۇر كارخانىچىلار ۋەكىلىنى خىتاينىڭ خەلقئاراغا قاراتقان ئىنگىلىز تىلىدىكى تەشۋىقات قانىلىغا ئېلىپ چىقىشى؛ ئۇنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلدۇرۇشى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى بازارغا سېلىشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان CGTN مۇخبىرى لى جىڭجىڭغا مۇنداق سوئال قويدى:

«لى جىڭجىڭ خانىم، سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر ئاياللارنى زىيارەت قىلدىم، دېدىڭىز. مېنىڭ ئاپام راھىلە داۋۇتمۇ ئۆزىنىڭ كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نەتىجىلىك ئايال، تەتقىقاتچى، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىققان پروفېسسور، شۇنداقلا ئېسىل پەزىلەتلىك بىر ئانا. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىگۇناھ ئاپامنى تۈرمىگە سولىدى، سىز كېلەر قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغىنىڭىزدا، ئاپام راھىلە داۋۇتنىمۇ زىيارەت قىلالامسىز؟ مەن بىلىمەن، سىز ئاپامنى زىيارەت قىلالمايسىز، چۈنكى سىزنىڭمۇ ھەقىقەتنى سۆزلەش ئەركىنلىكىڭىز يوق. ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئەركىنلىكىڭىز يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەركىن دېيەلەيسىز؟»

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ «شى جىنپىڭ يالغانچى، شى جىنپىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلاۋاتقاندا، شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان بىر توپ خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ تۇرسۇنئاينى ئورىۋالغان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-نويابىر.
لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ «شى جىنپىڭ يالغانچى، شى جىنپىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلاۋاتقاندا، شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان بىر توپ خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ تۇرسۇنئاينى ئورىۋالغان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-نويابىر.
X/Students for a Free Tibet

ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن لى جىڭجىڭ ئىشلىگەن بۇ تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ بۇ ھەقتە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇلارغا جىنسىي تاجاۋۇز، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاشتەك بىر قاتار جىنايەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكادىكى ۋە خەلقئارادىكى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۇرۇنۇشىغا مەيدان ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك، بۇنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك!»

فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئانا بولۇشتەك ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى بۇ يالغان تەشۋىقاتلاردا رول ئېلىشقا، يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل «8-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغانىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ۋە خىتاينىڭ چەت ئەلگە تارقىتىدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىمۇ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، يەنى 8-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «21-ئەسىردىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا، د ئۇ ق خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىۋاتقان «خۇشال-خۇرام ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ، بەختىيار تۇرمۇشىنى نامايان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى» تەسۋىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تەقىب، زۇلۇم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەرنى بىرمۇ-بىر ئاڭلاتقان.

زۇمرەتئاي ئەركىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەت ئالدىدا ئاشكارىلىنىشى بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش تەشۋىقاتىغا ئۆتكەنلىكىنى، لى جىڭجىڭنىڭ ئاينۇر ئابباستەك ئاياللارنى تاراتقۇلارغا سۆرەپ چىقىشىنىڭمۇ دەل مۇشۇ مەقسەت بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.