مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى توغرىسىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسەتمەكتە
2024.06.03
خىتاي ھۆكۈمىتى 30-ماي كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى غەربىي-جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» تېمىسىدا ئاتالمىش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان.
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» ۋە «خەلق تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە «ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئېتىراپ قىلىندى» دېيىلگەن.
چۇڭچىڭدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قاتناشقان قانۇن پەنلىرى پىروفېسسورى ئەركىن سامساق خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ، «شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى ھۆرمەتلەندى، شۇنداقلا ئۇنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلدى» دېگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خىتايدا، مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا ئىكەن. تېڭ بياۋ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئاتالمىش «خەلقئارالىق يىغىن» لار ۋە باشقا تەشۋىقات قاناللىرى ئارقىلىق، «ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى» توغرىلىق داۋراڭ قىلماقتا، دېدى.
تېڭ بياۋ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئاللىقاچان خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. بۇ ئېنىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سالماقتا. ئۇلار بۇ خىل يىغىنلاردا ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى قىلماقتا. خىتاي يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نامى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.»
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» تارقاتقان خەۋەردە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەركىن سامساقنىڭ خىتايغا يانتاياق بولغان مەدھىيە سۆزلىرىدىن باشقا يەنە، ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى مۇراتا تادايوشىنىڭ «غەرب دۇنياسى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ‹خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى› دېگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي يالغان» دېگەن سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىغان ئاتالمىش ئۇيغۇر پىروفېسسور ئەركىن سامساق بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ماختىغان چەت ئەللىك «مۇتەخەسسىس» لەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىن تەييارلاپ سۆزلەتكەن كىشىلەر ئىكەن.
زۇبەيرە خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭچىڭدا ئۆتكۈزگەن بۇ يىغىننىڭ دەل بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تەنقىدلىگەن، شۇنداقلا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر شارائىتقا توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىلدىكى ئاتالمىش خەلقئارالىق يىغىنلار ۋە باشقا ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئاراغا ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ياكى پەردازلاپ يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» نامىدا ساياھەت ئۆمەكلىرى تەشكىللەش، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن ئاتالمىش ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس ۋە مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىش، تور چولپانلىرىنى ئىشقا سېلىش، ئاتالمىش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالماقتا. ھالبۇكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدا، خىتايدا بارغانچە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قاتتىق ئەيىبلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.