خىتاي ئۆتكەن 70 يىلدا ئۇيغۇر كادىرلارنى «تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى» مۇ ياكى يوقاتتىمۇ؟
2024.09.23
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا 22-سېنتەبىر «قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بۇ تەربىيەلەش سىنىپى شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى» (创办70年 这个培训班促新疆长治久安) ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدىن قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە مەخسۇس خىتايپەرەس ئۇيغۇر كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان سىنىپنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، كوممۇنىست خىتاي ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نورمال بىر پۇقراسى سۈپىتىدە كۆرگەن ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ئىختىساسلىق كىشىلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ سىياسىي ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى ۋە مەلۇم دائىرىدە ھوقۇق تۇتۇشى ئۇنچە ئاسان بولمىغان. ھەتتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بىر رايوننىڭ ئۇيغۇر رەئىسىنىڭ كونكرېت خىزمىتىگە كۆرسەتمە بېرىدىغىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى «بىرىنچى قول ئەمەلدار» ھېسابلانغان خىتاي پارتكوم سېكرېتارىدۇر. بۇ ھالەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنىدىلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان بارلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
دەرۋەقە، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاپتونومىيە ھەققى بار دەپ قارىلىدىغان ۋە خىتايمۇ شۇنداق تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئاپتونومىيەلىك تېررىتورىيەدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھەقلىرى ئەسلا بولغان ئەمەس. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ياكى «مۇقىملىق» ۋە «ئەمىنلىك» خىزمىتى ساھەلىرىدە بىرەر مۇھىم رولىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ كۈلكىلىك.
خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭلىق كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپى» نىڭ ئېچىلىشى گەرچە 1954-يىلى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. يەنى، 1930-يىللاردا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرا خىتايدىكى جياڭشى ۋە خىتاينىڭ غەربىي شىمالدىكى شەنشى، گەنسۇ ۋە نىڭشيا رايونلىرىدا قۇرغان «جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» دە مىللىي كادىرلارنى تەربىيەلەش مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. يەنى مىللىي كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى 1936-يىلى نىڭشيانىڭ يۈخەي ناھىيەسىدە قۇرۇلغان تۇنجى تۇڭگان ئاپتونوم ھۆكۈمىتى بىلەن باشلانغان. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يازما تارىخ ئۇچۇر ئامبىرىدا خاتىرىلەنگەن «نىڭشيا يۈخەي تۇڭگان ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى» ناملىق ئۇچۇردا بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. مەزكۇر تارىخىي ئۇچۇردا يۈخەي تۇڭگان ئاپتونوم ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇنى مەخسۇس تەبرىكلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا خىتايدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىگە تەئەللۇق بىر ھۆكۈمىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئېغىر زۇلۇم چەككەنلىكى، گومىنداڭنىڭ چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى ۋە تۇڭگان خائىنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ناھايىتى ئېغىر تالاپەت چەككەنلىكى، پەقەت خىتاي كومپارتىيەسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭلا «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچىسى» ئىكەنلىكى يېزىلغان. دېمەك، خىتاينىڭ بۇ دەبدەبىلىك شوئارلىرى بىلەن تەڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغان، ئۇلارغا ئەگىشىدىغان ۋە ئۆز مىللىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەگەشتۈرەلەيدىغان ئاتالمىش «مىللىي كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى» باشلىنىپ كەتكەن.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 11-ئايدا ماۋ زېدۇڭنىڭ پېڭ دېخۈەيگە يازغان تېلېگراممىسىدا مىللىي كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى «مەقسەت» ئەسلىدىكى «ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى قۇتقۇزغۇچى بولۇش» تىن بىردىنلا ۋاز كېچىلگەن. يەنى ماۋ زېدۇڭ بۇ تېلېگراممىسىدا ئالاھىدە تەكىتلەپ، «شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بار بولغان ھەممە يەردە ۋىلايەتلىك پارتكوملارنى قۇرۇپ، ھەممىسىدە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك. بىر ئىشقا دىققەت قىلىشىڭلار كېرەككى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن بولغان زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار بولمىسا، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!» دېگەن.
گەرچە ماۋ زېدۇڭ شۇنداق يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئۇيغۇر كادىرلارنى تەربىيەلەش» ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇنچە قولاي بولمىغان. يەنى خىتايدا تاكى بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر كادىرلاردىن قورقۇش ۋە ئەنسىرەش ئەسلا يوقالغان ئەمەس. بۇ ھەقتە ئىلھام توختى 2011-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يازغان تەكلىپىدە تەپسىلىي توختالغانىدى. ئۇ مەزكۇر يازمىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچسىز دەپ قارىلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلھام توختى يەنە بۈگۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ گەرچە مىللەت، مەنپەئەت ۋە قاتلاملاردىن ھالقىغان بىر سىياسىي پارتىيە بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورتاق ئۇقۇم خىتاينىڭ ئۆزى ھوقۇق، ھوقۇقنىڭ ئۆزى خىتاي؛ خىتاي دېگەنلىك كوممۇنىست پارتىيە دېگەنلىك، كوممۇنىست پارتىيە دېگەنلىك خىتاي دېگەنلىككە باراۋەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتالغان بىر رايوننىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇش نىسبىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تەكلىپىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۆتكەن 60 يىلدا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىشەنچسىز دەپ قارالغانلىقى سەۋەبلىك تەربىيەلەنمىگەنلىكى، ھوقۇق بېرىلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ 1990-يىللاردا يۈز بەرگەن بارىن ۋە غۇلجا ۋەقەلىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىشەنچسىز دەپ قارىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى؛ ئۆتكەن ئون يىللىق قاتتىق باستۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق زۇلۇمغا ئۇچرىسىمۇ ئاۋازىنى چىقىرالماس قىلىۋېتىلگەنلىكى؛ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى… تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، يەنى 2015-يىلى «شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ نىسبىتى 51.4 پىرسەنت» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرغانمۇ بولدى. قىزىق يېرى شۇكى، ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان كادىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە يازغان ئىدى. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى بارلىق «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى» نىڭ سانىنى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ سانى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ساختىپەزلىك قىلدى.
خۇلاسە قىلغاندا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە «شىنجاڭلىق كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلاردىن يېتىشتۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ خىتاينىڭ «مۇقىملىق» سىياسىتىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقى، ئۇيغۇر كادىرلارغا ئەسلا ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ قارايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە يوقاتقانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ «تەبرىكلەش» ئويۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، يەنى خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ يۈكسەك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ تەشۋىقات ئويۇنىنى ئوينىغانلىقى شەكسىز!
[مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]