خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە بىر قېتىملىق زور تۇتقۇننىڭ تورىنى يېيىشقا تەييارلىنىۋاتامدۇ؟
2023.09.15
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023-يىلى 23-ئاۋغۇستتىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ يىل 23-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تاكى 9-ئايغىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنى مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى، ئاھالىلەرنىڭ خىزمىتى، ئائىلە ئەھۋالى، ئائىلە كىرىمى، مال-مۈلكى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۆۋەن كىرىملىك (نامراتلار) ئائىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قارىماققا «نامراتلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان» دەك كۆرۈنگەن بۇ خەۋەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈدىغانلىقىدەك بىر مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى 2017-يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىرتقا ئاشكارىلانغان خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاساسەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۈچ خىل كۈچنى يوقىتىش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى خىتاي تەۋەسىدە «نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، ھاللىق سەۋىيە يارىتىلغان» لىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنداقتا، يەنە نېمە ئۈچۈن «تۆۋەن كىرىملىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى» نى قايتا باشلايدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى «شىنجاڭدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 11 مىڭ 163 يۈەنگە يەتكەن» لىكىنى ۋە بۇ كىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دېھقانلارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشىدىن ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي بۇ مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشتا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئاساس بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى ئېنىق. ئەمما بۇ ئۇچۇرلار يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىڭ كەينىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تېرىلغۇ يەرلەرنى تارتىۋېلىش، يۇرت-ماكانلىرىدىن، ئائىلىسىدىن، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ۋە ياقا-يۇرتلارغا كوللېكتىپ كۆچۈرۈپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەڭلا ئاشكارىلاپ قويغان.
ئەمەلىيەتتە خىتاي 2000-يىلىدىن باشلاپلا ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى نامراتلارنى ئېنىقلاش، تۈرگە ئايرىش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش» نى باشلىغانىدى. 2014-يىلى خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلارنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست خىتاينىڭ «ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات رايونلار» كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونى خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى ئەڭ نامرات رايون بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىمۇ خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات خەلق بولۇپ قالغان.
خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتىلىك نامراتلاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن. بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىدەك ھەقىقەتنى يوشۇرۇشتا، جازا لاگېرلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئۈچۈن قۇرۇلغان «كەسپىي تەربىيەلەش» دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلاشتا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن.
بۇ ھەقتە خىتاينىڭ «ئىقتىساد كۆرسەتمىسى» (经济导航) تورى خەلقئارادىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى» گە ئېتىراز بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 2022-يىلى 1-نويابىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىي قىلىشى، دۇنياغا ‹جوڭگو تەجرىبىسى› نى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: « ‹دىنىي ئەسەبىيلىك› تىن ئىبارەت بۇ ئارقىدا قالغان قاراش، ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاكتىپچانلىقىنى توسۇپ كەلدى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، ئۆزلىرىنىڭ ‹خىلافەت قۇرۇش› ئىدىيەسىگە ئاساسەن، بارلىق زامانىۋى قاراشلارنى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي تىل-يېزىقىنى، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى، شۇنداقلا كەسىپ بىلىملەرنى ئۆگىنىشىنى چەكلىدى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توسۇپ كەلدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى، ئاقتاشلىق كىتابلىرىدىمۇ بۇ نۇقتىلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ھېچكىمگە سىر ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋالدا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار تەبىئىي يوسۇندا خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسلىق يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى تەبىئىي بىر ئەھۋال.
بىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە پىلانلىق يوسۇندا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغانىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى بىردىنلا دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى قىزىق تېمىلىق مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغانىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى بىلەن زىچ باغلانغانلىقى، شۇنداقلا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دېگەن ۋەدە بېرىلغان زامانىۋى دۇنيادا قايتا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كىشىلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن ۋە ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
ھالبۇكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ يەنە قايتىدىن «نامراتلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى» نى باشلىشى، ئەجەبا يەنە بىر قېتىملىق ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش، ‹ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىش› » نامىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن دېرەك بېرىۋاتامدۇ؟
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى گەرچە 11 مىڭ 163 يۈەنگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما 2020-يىلى خىتايدىكى نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىم ئۆلچىمى بولغان 12 مىڭ 588 يۈەندىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان. تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۈردە خىتاي بويىچىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچىمۇ «ئەڭ نامرات خەلق» ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتالمىش «تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى» نىڭ نىشانى يەنىلا ئۇيغۇرلار بولۇپ قېلىشى ئېنىق. نامراتلىققا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن «دىنىي ئەسەبىيلىك» مۇ، داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش ۋە «نامراتلىق قۇتۇلۇش ئۈچۈن» ئومۇميۈزلۈك يوقىتىلىشتەك قىسمەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانلانغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش قانۇنى» نى قالقان قىلىپ، ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ «باش ئاغرىقى» بولغان ئۇيغۇرلارنى يېڭى-يېڭى «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىشى، ھەتتا يەنە بىر قېتىملىق زور تۇتقۇننىڭ قۇربانلىرى قىلىنىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.
***
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]