خىتاي «يىپەك يولى» دا يارىتىلغان بۈيۈك مەدەنىيەتكە ئۆز تامغىسىنى باسالامدۇ؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.10.04
topluq-chira-budda-xarabilik-xoten خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى توپلۇق يېزىسىدىكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى. خوتەن
silkroads.org.cn

خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات قوراللىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 23-سېنتەبىر كۈنى قەشقەردە «يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى» قەشقەر شۆبىسىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مەركەزنىڭ 2023-يىلى خىتاينىڭ غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۇنجى شۆبىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خەۋەرلەردە يەنە قەشقەر شۆبە مەركىزىنى قۇرۇشنىڭ مەقسىتى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش مەركىزىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش ۋە قېزىش پائالىيەتلىرىنى سانلىق مەلۇمات ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۆبە مەركىزى قۇرۇلۇشى بىلەنلا تۇنجى قەدىمىنى قەشقەر مۇزېيىدا «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىنقىلابى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» بىلەن باشلىغان.

ئاتالمىش «يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەلىك ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى» قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە رايوندىكى 17 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ قىبلىنامىسى «ئارخېئولوگىيەلىك ئورتاق سۇپا بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزۈشتىن بەكرەك، ئۆز سىياسىي مۇددىئاسىنى كۆزلىگەنلىكى ئېنىق. سىياسىي مۇددىئا دېگىنىمىزدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يىپەك يولى» لىنىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ سودا، ئېنېرگىيە، ئاشلىق بازىسى، شۇنداقلا مۇھىم ئىقتىسادىي تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، خىتاي ھۆكۈمىتى «يىپەك يولى» ئۇقۇمىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك مىراسلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قاتارىدا كۆرسەتمەكتە. كۇچا، قۇمۇل، قەشقەر، خوتەن، جىمىسار قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پەش قىلىپ، تەپ تارتماستىن بۇ رايونلارنىڭ خىتاي ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرلىرىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە بۇ رايوندا ئاتالمىش «قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» قۇرغانلىقىدەك يالغان تارىخلارنى بازارغا سالماقتا. كۆزەتكۈچىلەر ۋە تارىخچىلار، بۇلارنىڭ تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتىلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزېيلارنى ئۆزى ياراتقان ساختا تارىخ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا چاڭ سېلىپ، ئۇنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە باغلاپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» سەپسەتىسى تەشۋىقاتىدا قوللىنىپ كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى« يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى» ئۇقۇملىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەشەببۇس قىلىپ يولغا قويغاندىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا، جەنۇبىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغان غايەت زور بەلباغدا، خىتاينىڭ «يىپەك يولى» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.

دۇنيانى يۇتۇۋېلىش چۈشىنى كۆرۈۋاتقان خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يوللىرىنى كونترول قىلىش، ئۇنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇرالمايتتى، ئەلۋەتتە. بۇ يىل 8-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى جانبۇلاق ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، ئۇيغۇر رايونى خىتاي ئۆلكىسى بويىچە ئەڭ كۆپ ئايرودۇرۇم مەۋجۇت رايونغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىگە سوزۇلغان «ھاۋا يىپەك يولى» لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ھاۋا يوللىرىنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.

خىتاي يەنە «يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان مىللەتلەر ئارىسىدا خىتاي ئېيتىمى تەشۋىقاتىنى كۈچەپ يولغا قويدى. «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى»دىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىراپ قالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى قەرز سىرتمىقىغا ئالغاندىن باشقا يەنە، بۇ دۆلەتلەردە كۆپلەپ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي تىلى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش دولقۇنى قوزغىدى. بۇلار ئاز كېلىپ، مانا ئەمدى «يىپەك يولى» تەتقىقات مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خالىغانچە ۋە بەھۇزۇر ھالدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈردى.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھالسىراپ ئاخىرىقى تىنىقى قالغان مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە كېلىپ ئىشىك چەككەن غەربلىكلەرنىڭ يولىغا پايانداز سېلىپ، ئۇلارنى ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتكەن ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەربلىك تەۋەككۈلچىلەر، ئېكسپېدىتسىيەچىلەر ۋە مىسسىيونېرلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئاياغ بېسىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلەشكەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي مەتبۇئاتلىرى غەربلىك سەيياھلارنى «يىپەك يولىدىكى ئوغرىلار»، «ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» دەپ ئاتىماقتا. ھالبۇكى، خىتاي «ئالۋاستى» ياكى «ئوغرى» دەپ ئاتىغان بۇ كىشىلەر قەدىمكى تارىم ۋادىسى ۋە تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەرگىزمۇ غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ ئاتىغان ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلار خىتاي ئېيتىمىغا ئوخشىمىغان ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنى تەشكىل قىلغان قەدىمكى يەرلىك خەلقلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى پاكىتلىرى بىلەن دۇنياغا ئاڭلاتقان. ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىن  تېپىلغان بىر قىسىم قېزىلمىلارنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان.

خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە توپلانغان ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنى توسالغۇسىز ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتاي مىللىتىگە قوشۇۋېتىش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئاسانغا چۈشمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، يالغان تارىخىي پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق ئارخېئولوگىيە سۇپىسى قۇرۇش پىلانى دەل مۇشۇ پىلاننىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. بۇ پىلاننىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سوزۇلغان تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇلارنى خىتاي تارىخىي مەنبەسىگە باغلاشتەك سۇيىقەستنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

مائىترى تەلىم بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش، 1914- يىلى قىزىل مىڭ بۇددا ئۆيى، 224-نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكتىن بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن. كۈنىمىزدە ھۇمبولدت سۇپىسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇۋاتىدۇ.
مائىترى تەلىم بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش، 1914- يىلى قىزىل مىڭ بۇددا ئۆيى، 224-نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكتىن بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن. كۈنىمىزدە ھۇمبولدت سۇپىسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇۋاتىدۇ.
RFA/Ablet Semet

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يىپەك يولىدىكى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە بۇنچە ئېتىبار بېرىشتىكى مۇددىئاسى زادى نېمە؟

يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەلىك ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ جيەنشىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى شەرق مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن، بولۇپمۇ خىتاي مەدەنىيىتى كۆزنىكىدىن كۆرۈش ۋە شەرھلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارخېئولوگىيەنى سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە چېگرا سىرتىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشى، كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچىتىدۇ.

2000-يىلنىڭ باشلىرىدا، خىتاي ئارخېئولوگلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگىچە تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خىتاي تارىخ مەنبەلىرىدە «يۆجى» دەپ ئاتالغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي تارىخ مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «يۆجى» دېگەن بۇ خەلق، ئەمەلىيەتتە ياۋرو-ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان «توخرى» (Tochri) لار بولۇپ، ئۇلار ئىرقىي جەھەتتىن ھىندى-ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە قەدىمكى مىللەت ئىدى، شۇنداقلا كېيىنكى ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى يەنە 2009-يىلى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، بۇ جايدىكى يادىكارلىقلارنىڭمۇ تەڭرىتېغى ئېتىكىدە ياشىغان قەدىمكى خەلق - توخرى (يۆجى) لارغا تەۋە مەدەنىيەت بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بۇ ھەقتە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «يۆجى» لەر خىتاي تەۋەلىكىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن قەدىمكى خەلق بولۇپ، ئۇلار شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى ۋە كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇ يەكۈننىڭ ئۆزىدىلا خاتالىق مەۋجۇت. چۈنكى ئۇ زامانلاردا «خىتاي دۆلىتى» ياكى «خىتاي تەۋەلىكى» دېگەن بىر ئۇقۇم مەۋجۇت بولغان ئەمەس، بەلكى خىتاي سۇلالىلىرى كۆپ ۋاقىت تارقاق ياكى ئىچكىي خىتايدىكى چەكلىك تېررىتورىيەدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. توخرى (يۆجى) لار ياشىغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان قەدىمكى تۇپراقلار سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى پايانسىز جايلار بولۇپ، ئۇ زامانلاردا خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ تېررىتورىيەسى بولغان ئەمەس.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئىلگىرى «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىدا «يۆجى» (توخرى) لارنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغان قەدىمكى قەۋملەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تارىخىي بايانلارغا ئاساسەن، خىتاي مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «يۆجى» لەر مىلادىيەدىن كېيىن توخرى نامى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە تونۇلغان ئىكەن. قەدىمكى تارىخنامىلەردە قەيت قىلىنىشىچە، توخرىلارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بۈگۈنكى تۇرپان ۋە كۇچا قاتارلىق جايلارنى مەركەز قىلغان ۋە كېيىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىكەن، يەنە بىر تارمىقى  داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ، پامىر تاغلىرىنىڭ غەربىدىكى تۇپراقلارغا كەتكەن ئىكەن.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «يۆجى» دېگەن خەلق ئەمەلىيەتتە تارىختىكى قەدىمكى خەلق توخرىلاردۇر. ئۇلار كېيىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. توخرىلارنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى ياكى بۈگۈنكى خىتاي دۆلىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى قەدىمكى خەلق توغرىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇلۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن شانلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش سۇيىقەستى پولاتتەك ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، خالاس!

 [ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.