تارىخشۇناسلار: «شەرقى تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، ئىشغال قىلىنغان زېمىن»
2024.04.08
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قەدىمىي ئۆتكەل، تۇر، شەھەر، قورغان، ئۆتەڭ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ غەربىي رايونلارنى باشقۇرۇشنىڭ تارىخى دەلىلى ۋە ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى ئېلىنى قەدىمدىن تارتىپ باشقۇرغانلىقىنىڭ دەلىلى دەپ كۆرسىتىشى تارىخشۇناسلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تارىخشۇناسلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي جار سالغاندەك ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى بولماستىن، خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«شىنخۇا تورى» نىڭ 2024-كۈنى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدە «ئونمىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان توختىماي غەربكە قاراپ داۋاملاشتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى بىپايان تۇپراققا تارقالغان 200 دىن ئارتۇق ئورۇندىكى چوڭ-كىچىك سەددىچىن سېپىلى بايلىقى قەدىمكى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن كەڭ ئارىلاشقانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچى قۇدرەتلىك بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى. بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا تارقالغان بۇ ھەربىي مۇداپىئە سىستېمىلىرى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەيۋىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ، غەربىي رايونلارنى باشقۇرۇشنىڭ تارىخى دەلىلى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قوغدىغانلىقنىڭ ئىسپاتى. ئۇلار يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەلىلى».
ئۇنداقتا خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى بىپايان تۇپراققا تارقالغان «200 دىن ئارتۇق ئورۇندىكى چوڭ-كىچىك سەددىچىن سېپىلى قالدۇقلىرى» خىتاي مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ غەربىي رايونلارنى باشقۇرۇشنىڭ تارىخى دەلىلى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەلىلى بولالامدۇ؟ بۇ تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇنمۇ؟
تۈركىيەدىكى يەتتەتېپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى ۋە تونۇلغان تارىخشۇناس پىروفېسسور ئەخمەت تاشاغىل (Ahmet TAŞAĞIL) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي دەۋاتقان سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇ خىتاينىڭ قىپقىزىل سىياسىي غەرىزى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«چىن سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئۇلى سېلىنغان. سەددىچىن سېپىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. سەددىچىن سېپىل جيايۇگۇەن ۋە دۇنخۇاڭغىچە كېلىدۇ. ئېنىقكى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا سېلىنمىغان. شەرقى تۈركىستان قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى دېگىنى توغرا ئەمەس. خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاينىڭ ۋاقىتلىق تەسىرى بولغان. بۇ رايون 1758-يىلى، يەنى مىلادىيە 1758-يىلى، ۋە 19-ئەسىردە، 1878-يىلى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ رايون خىتايلارغا تەۋە ئەمەس ئىدى. شۇڭا خىتايلارنىڭ بۇ رايوننى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ۋە خىتاي باشقۇرۇپ كەلگەن دېيىشى تارىخى پاكىتلارغا ماس كەلمەيدۇ. خىتاينىڭ دەۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەقىقىي خىتاي زېمىنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىدە. سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالى خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس. شۇڭا ئىچكى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە شەرقىي تۈركىستان ھەقىقەتەن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس».
جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى (The Georgetown University) نىڭ پروفېسسورى، چىڭ سۇلالىسى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەيمىس مىللۋارد (James A. Millward) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇن مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق دېيىشى توغرا ئەمەس. بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار. بىرىنچىسى، چۈنكى خىتاينى مەركەز قىلغان ھەرقايسى دۆلەتنىڭ بۇ رايونغا قارىتا كۈچلۈك بىر تەسىرى بولمىغان. بۇ خەن ئىمپېراتورلۇقى ۋە تاڭ ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان. تاڭ دەۋرىدىن، يەنى 750-يىلىدىن باشلاپ چىڭ ئىمپېراتورلۇقىغا قەدەر، يەنى 1759-يىلىغىچە 1000 (مىڭ) يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن بىر ۋاقىتتا خىتايدىكى ھەرقايسى بىر دۆلەتنىڭ بۇ رايوندا ھېچ بىر تەسىرى ۋە كونتروللۇقى بولمىغان. ئىككىنچى مەسىلە، خىتايدا تارىختا داۋاملىق مەۋجۇت بولغان بىرىنىڭ كەينىدىن بىر داۋام قىلغان بىر دۆلەت ۋە سىياسىي كۈچ بولغان ئەمەس. نۇرغۇن دۆلەت بولغان. بۇنداق ئەھۋالدا قانداقسىگە شىنجاڭنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دېيەلەيسىز».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنخۇا تورى» دىكى مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«شىنجاڭ تەۋەسىدىكى سەددىچىن سېپىلى بايلىقلىرى خىتاينىڭ قەدىمكى دەۋردىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسلىقى ئۆتكەل، تۇر، شەھەر، قورغان، ئۆتەڭ، قاراۋۇلخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئاساس قىلىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ھەربىي تۈگۈن لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن. 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە 1450 دىن ئارتۇق تۈرلۈك يادىكارلىقلار قېزىلىپ رەتلەپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 883 پارچە يازما پۈتۈك، تارىشا پۈتۈك قېزىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر تۈركۈم خىتايچە يېزىقتىكى ھۆججەت ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ».
تارىخ پەنلىرى دوكتورى، تۈركىيە ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پۈتۈنلەي يالغان. شەرقى تۈركىستاندىكى تۇر، قورغان ۋە قاراۋۇلخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىر مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخى تارىخى ھۆججەتلەر ۋە تۈرلۈك يادىكارلىقلار تىلغا ئېلىنمىغان. ئاز ساندىكى خىتايغا ئائىت تارىخى ھۆججەتلەر ۋە يادىكارلىقلار ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇلغان. ئەكسىچە بۇ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقنىڭ دەلىلىدۇر».
شى جىنپىڭ 2022-يىلى 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى تۈپتىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى. بۇلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئاددىيلا تونۇش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە. تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
«شىنخۇا تورى» نىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2021-يىلى، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى قوغداش يىرىك پىلانى» نى بېسىپ تارقاتقان. 2022-يىلى، سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى (شىنجاڭ بۆلىكى) تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلانغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي مىراسلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىپ خىتاينىڭ قىپقىزىل تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوپنۇردا قۇرۇلغان ئاتالمىش «يىپەك يولى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى» 29-دېكابىردىن تارتىپ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قويۇلغان. مۇزېينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سىرتقى قىسمى قەدىمىي تۇرا شەكلىدە سېلىنغان.
بەدەل سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى 2023-يىلى 4-ئايدا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ دېيىشىچە، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى «مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك پەرقلىق ناملار ئاستىدا مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مۇتلەق خىتاينىڭ زېمىنى قىلماقچى بولغان.