خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ سەۋەبى ئىقتىسادىي چۆكۈشتىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر سىياسىتى» سەۋەبىدىندۇر
2023.09.18
يېقىندىن بۇيان خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى، مەزكۇر غۇلغۇلىلارنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىلمۇخىل پەرەزلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان چۆكۈشكە مەركەزلەشكەنىدى. ھالبۇكى، ھېچكىم مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تولىمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا دىققەت قىلمىدى. بىز مەزكۇر ئوبزورىمىزدا بۈگۈنكى خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىمىز.
ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
مەلۇمكى، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى خىتاينىڭ «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» دەۋرىدە ئالدىن تەرەققىي قىلىشقا يول قويۇلغان رايونلاردۇر. شۇڭا مەزكۇر رايونلار خېلى بۇرۇنلا خىتاينىڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرىغا كەلگەندە دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن جىددىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر رايونى بىلەن بىۋاسىتە چېگرالىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولۇشىدەك بىر قاتار دراماتىك ئۆزگىرىشلەر خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىككە ھەمدە تېخىمۇ يۈكسەك ھەق-ھوقۇقلارغا بولغان تەلەپلىرى كۈچەيدى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭلا مىللىي ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغىنى ۋە ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغىنى، دەل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىش قىسمىتىگە قېلىش ئىدى. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ساقلاپ قالالايدىغان ھەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئاقىۋەتكە قالمايدىغان مۇكەممەل بىر يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىش ئىدى. چۈنكى خىتاي زېمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ بىپايان تۇپراقنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرغاندا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتاي نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىمكانى بولاتتى.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1999-يىلى «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى» نى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىشىگە ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى ياراتقان ئىدى. 2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي يوسۇندا «سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا يۆتكەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ» نامىدا ھۆججەت ئېلان قىلدى. بۇ يىللار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنى جىددىي ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقان، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇر رايونى «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىۋېتىلگەن قاباھەتلىك يىللار ئىدى. بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە «ئوغرى-يانچۇقچى» ئاتالغان، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ قارىلانغان، «خەلقئارا تېررورىزم» غا باغلىنىپ پۈتكۈل دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇلغان، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئىشسىزلىققا مەھكۇم بولغان كۈلپەتلىك يىللار ئىدى. . .
دېمەك، شۇ يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈش ۋە خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلەشتۈرۈش پىلانى كۆڭۈلدىكىدەك داۋام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتى باشلانغاندىن بېرى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كېلىشى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما 1949-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي نوپۇسى ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىدا يەنىلا 4 مىليون 258 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. ھالبۇكى، 2010-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش» ، «كەسپىي خادىملارغا بولغان ئېھتىياجنى قامداش» ، «شىنجاڭغا ياردەم كادىرلىرىنى قارشى ئېلىش» دېگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «نۈر گېزىتى» (光明日报) نىڭ 2021-يىلى 29-سېنتەبىردىكى «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدا يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى» ناملىق باش ماقالىدىكى بايانلار دەل بۇنىڭ دەلىلىدۇر. مەزكۇر ماقالىدە 2010-يىلىدىن تاكى 2020-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بۇ ئون يىل ئىچىدە 1 مىليون 623 مىڭ ئادەم كۆپەيگەنلىكى، خىتاي نوپۇسىنىڭ بولسا 2 مىليون 174 مىڭ ئادەم كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليون 948 مىڭنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلار ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان.
دېمەك، قىسقىغىنە ئون يىلدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلىشىۋاتقان خىتايلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۆچمەنلەرنى ئاتالمىش «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» نامىدا يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشى ئىدى.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، خىتايدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى» لى شياۋشيا (李晓霞) نىڭ «ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر قوشۇنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش» ناملىق دوكلاتىدىمۇ، 2010-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 197 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 83. 8 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقى؛ ئۇلارنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، ئىلى ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. يۇقىرىقى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلار ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى مەزكۇر 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى شەكسىز. ئەسلىدە بۇنداق زور مىقداردىكى ئىشسىزلار قوشۇنى تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىشىنى يېتەرلىك ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەتتى. ھەيران قالارلىقى، 2010-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يوسۇندا تېخىمۇ كۆپ يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ياشلىرى مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئەگىشىپ يۈز بەرگىنى بۇ مەزگىلدە يەنە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھېسابلىنىدۇ. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 2021-يىلى ئېلان قىلغان 28 بەتلىك «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ زور مىقداردا ئازىيىپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن.
دېمەك، 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىددەت رەۋىشتە كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىشىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساقلا، نۆۋەتتە غۇلغۇلا بولۇۋاتقان خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پىلانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ھادىسە بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. يەنى، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش پىلانىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قەدەمنى يەنىلا ئىشەنچ بىلەن ئالدى. خىتايدىكى بۇ ئىشەنچنىڭ مەنبەسى دەل دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى ئىشسىزلىق ئارقىلىق، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا زور مىقداردا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشتىن كەلگەن دېيىشكە ھەقلىقمىز.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭمۇ يېقىندا ئافرىقادىكى «كېسەك دۆلەتلىرى» يىغىنىدىن قايتىپ ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن نۆۋەتتە خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان ئاتالمىش ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، قانداقتۇر خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش سەۋەبىدىنلا بولماستىن، بەلكى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەل ئۇيغۇرلاردۇر.
***
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]