ياپونىيەلىك پروفېسسور داي ماتسۇينىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ھوقۇق ۋەسىقىلىرى ھەققىدىكى يېڭى كىتابى
2023.11.03

بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئويلاپ تاپقان ياسالما مەدەنىيەتشۇناسلىقىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇردى. ئۇلار ئالدى بىلەن تارىخىي يەرلەرنى ئېچىش باھانىسى بىلەن ھەممىلا يەردىن خىتايچە ئاسارە-ئەتىقىلەر ۋە قول يازمىلار تېپىلغاندەك بىر تەسىر پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياسالما يىغىنلىرىنى كۆپەيتىپ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىن بۇ ئويۇنىغا تاماشىبىن توپلاشقا باشلىدى. مۇزېيلىرىدا پەقەتلا خىتايچە قول يازمىلارنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك قىلىپ كۆرسەتتى. تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە باشقا قەدىمىي مىللەت تىللىرىدىكى قوليازمىلارغا ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى تېپىلغانلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇش تۆگۈل، ئەسلىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغانلىرىنى كۆزدىن يوقاتتى. ئۆتمۈش ئانا تىلىنى تەتقىق قىلغان ئۇيغۇر ئالىملىرىنى «مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلىدى ۋە تۈرمىلەردە چۈرتتى.
ئەمما خىتاينىڭ ھەر خىل توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي، ئادالەت ئۆز ئورنىنى تېپىپ، چەتئەللەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئوز يولىنى داۋام قىلىۋەردى. باشقا ساھەلەردىكى تەتقىقاتلارغا ئۈلگە بولالايدىغان يېڭى-يېڭى ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ كەلگۈسىگە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ بېغىشلىدى.
يېقىندا ياۋروپادىكى مەشھۇر نەشرىياتلاردىن بېلگىيەدىكى برېپولس نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇقلۇق كۆرگەن «تۇرپان قەدىمكى ئۇيغۇر مەمۇرىي باشقۇرۇش بۇيرۇقلىرى» ناملىق كىتاب ئەنە شۇنداق ئەسەرلەردىن بىرى.
ئەسەرنىڭ ئاپتورى ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور داي ماتسۇي (Dai Matsui) ئەپەندى. داي ماتسۇي ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابى ئاساسلىقى 13-ۋە 14-ئەسىرلەردە يەنى «موڭغۇللار دەۋرى» دەپ ئاتالغان دەۋردە تۇرپان ئويمانلىقىدا ۋە ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يولغا قويۇلغان باج ۋە مەمۇرى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەسىقىلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى ۋە ئەتراپلىق تەھلىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا بۇ ۋەسىقىلەر قوللىنىلغان دەۋرنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىق قىلىنغان. داي ماتسۇي ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابى ئۇنىڭ ياپونىيە ساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1999-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە تەتقىق قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش بۇيرۇقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 54 پارچە ۋەسىقە بىلەن باشلانغان. كېيىنكى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا سانكت-پېتېربۇرگ، لوندون، ئىستانبۇل ۋە خىتايدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان باشقا ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى بىلەن كېڭەيتىلگەن ۋە ئاخىرىدا كىتابىدا قوللانغان ۋەسىقە سانى 107 گە يەتكەن.
داي ماتسۇي ئەپەندى بەكمۇ ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىم. ئۇ ۋەسىقىلەر ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا شەخسەن ئۆزى بېرىپ، ئەسلى نۇسخىنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ ۋەسىقىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى بىر بىرى بىلەن تەپسىلىي سېلىشتۇرغان. ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە ئادەتلىنىپ كېلىنگىنىدەك ۋەسىقىلەرنى نوقۇل ھالدا تىلشۇناسلىق ياكى ئەدەبىياتشۇناسلىق مەنبەلىرى دەپ قاراپ تەتقىق قىلىش رامكىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋەسىقە مەزمۇنىنى تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئەينى دەۋر جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ھوقۇق ۋەسىقىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قول بىلەن يېزىلغان بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر قوليازمىلىرى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار ئىچىدە ئوقۇش ئەڭ قىيىن يازمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ۋەسىقىنى ئوقۇغاندا پەرقلىق مۇلاھىزە ۋە ئوقۇش تېخنىكىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. داي ماتسۇي ئەپەندى بۇ ساھەدە ئەڭ تەجرىبىلىك تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىدە باشقا تەتقىقاتچىلار سادىر قىلغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇش خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن.
داي ماتسۇي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ھوقۇق ۋەسىقىلىرىنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن يېزىلغان ھەر خىل توختاملار ۋە تىل خەتلىرىنى، تىل ئالاھىدىلىكى، مەزمۇنى ۋە قانۇنىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تارىخ ۋە جۇغراپىيە شۇنداقلا دىنىي جەھەتتىنمۇ شەرھلەپ بېرەلىگەنلىكىدۇر.
داي ماتسۇي ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ئانچە ناتونۇش ئەمەس. ئۇنىڭ يەر نامى «ئۈرۈمچى» ۋە تۇرپاندىكى بىر قىسىم تارىخىي يەر ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەلىرىنى قەدىمكى ۋەسىقىلەر ئاساسىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ماقالىلىرى خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ژۇرناللاردا نەشر قىلىنغان ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر ھوقۇق ۋەسىقىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا قەغەز، خەت، گۇۋاھنامە ياكى كىملىكلەرگە ئوخشاش رەسمىي ۋەسىقىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ۋەسىقىنى كىملىك دەلىللەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان رەسمىي ۋەسىقە دېگەن مەنىدىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن ئېلىم-بېرىم، تېگىشىش، قەرز ئېلىش، ئىجارىگە ئېلىش، بالا بېقىۋېلىش، ئادەمنى گۆرۈگە قويۇش، چاكارلارنى ئازاد قىلىش، ۋەسىيەتنامە، مىراس خېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە يېزىلغان تىل خەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت شۇغۇللانغان سىمونې كرىستىئانې راشمان خانىمنىڭ 2007-يىلى نەشر قىلغان ۋەسىقىلەر كاتالوگىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا شۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان 550 تىن كۆپرەك ۋەسىقىنىڭ بارلىقى مەلۇم.
داي ماتسۇي ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابىدا ئەنە شۇ ۋەسىقىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى، ئەمما تەتقىق قىلىش قىيىنى بولغان تىل خەتلەر تەتقىق قىلىنغان. كىتاب مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق ۋە بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ۋەسىقىلەر يېزىلىپ ئارىدىن يەتتى سەككىز يۈز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ خىل ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئەينەن ساقلاپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ خىل بۇيرۇق ۋە ئىسپاتلار كۆپ ۋاقىتلاردا ئاغزاكى بېرىلىدۇ. تىل خەت يېزىپ بېرىش ئۇسۇلى بولسا، مۇناسىۋەتلەشكەن ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىنى ئانچە ياخشى تونۇمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغاچقا، ئادەتتە بىر كىشىنىڭ ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دېگەن سۆزلىرى ھۆكۈم ياكى توختامنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە بىر بىرىگە نەقەدەر ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر شۇنداق بىر تىل خەت بېرىش زۆرۈر بولغاندىمۇ بۇرۇنقىدەكلا تولىمۇ قىسقا ۋە ئاددىي يېزىلىدۇ. خەت پوچېركىسى قارشى تەرەپكە تونۇش بولغاچقا كۆپ ۋاقىتلاردا ئايرىم ئىمزا قويۇلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە ئىمزا ۋە ھەتتا تامغا قوللىنىش ئادەتلىرىمۇ بار. قىسقىسى، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل «تىل خەت» ياكى يەنە بىر ئىسمى بىلەن «ئىككى ئىلىك خەت» قوللىنىش ئادىتىنى بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئامىللارنى نەقەدەر ياخشى ساقلاپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
رۇسىيەلىك تۈركولوگ رادلوف 1898-يىلى كلېمېنتس تۇرپاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىككى پارچە ۋەسىقىنى تەتقىق قىلغان. مانا بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر قوليازمىلار تەتقىقاتىغا تاشلانغان تۇنجى قەدەم ئىدى. 1928-يىلى سېرگېي مالوف (Sergey Malov) بېرلىن ۋە سانكت-پېتېربۇرگدىكى 128 پارچە ۋەسىقىنى نەشرگە تەييارلىدى. تۈرك دۇنياسىغا قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىنى ئېلىپ كىرگەن تۇنجى تەتقىقاتچى ئۇزۇن ۋاقىت بېرلىن تۇرپان قوليازمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان رەشىد راھماتى ئارات بولدى. 1966-يىلى د. ئى. تىخونوف (D. I. Tixonov) نىڭ مونوگراپىيەسى ۋە 1975-يىلى ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى لاررىي كلارك (Larry Klark) نىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىغا ناھايىتى چوڭ ھەسسە قوشقان تەتقىقاتلار ئىدى.
-1977يىلىدىن باشلاپ پېتېر تسىمې (Peter Zieme) ئەپەندى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچتى. ئۇ پەقەتلا شۇ ۋاقىتقىچە باشقا تەتقىقاتچىلار ئوقۇيالمىغان نۇرغۇنلىغان ۋەسىقىلەرنى ئوقۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋەسىقىلەردە ئۇچرىغان قانۇنىي ئاتالغۇلارنى تېخىمۇ ئېنىق ئىزاھلاپ، ۋەسىقە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ كۆپ قىزىقىش قوزغىدى. بىر قاتار ۋەسىقىلەرنىڭ بۇ تەتقىقاتچىسى 1993-يىلى ياپونىيەلىك سەپداشلىرىدىن جۇتېن ئودا (Juten Oda) ، ھىرۇشى ئۇمېمۇرا (Hiroshi Umemura) ، تاكاۋ مورىياسۇ (Takao Moriyasu) لار بىلەن بىرلىكتە نەشرگە تەييارلىغان ئۈچ قىسىملىق «قەدىمكى ئۇيغۇرچە توختاملار» كىتابى بىلەن ۋەسىقەشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تاجىلاندۇردى.
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن مەترېھىم سايىت ۋە ئىسراپىل يۈسۈپ ئەپەندىلەر بۇ كىتابتىكى 125 پارچە ۋەسىقىگە ئۈرۈمچىدە ساقلىنىۋاتقان 4 پارچە ۋەسىقىنى قوشۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان كىتابىنى 2004-يىلى ئېلان قىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە 2004-يىلى تۈركىيەلىك مەلەك ئۆز يەتكىن (Melek Öz Yetkin) خانىم تەييارلىغان «قەدىمكى تۈرك باج ئاتالغۇلىرى» ، 2013-يىلى تاتار تەتقىقاتچى لىلىيا ي. تۇگۇشېۋا (Liliya Y. Tugusheva) خانىمنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر» كىتابلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر ھوقۇق ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتىغا ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن تەتقىقاتچىلاردىن بىرى گېرمانىيەلىك سىمونې كىرىستىئانې-راشمان (Simone Christiane-Raschmann) خانىمدۇر. سىمونې-كىرىستىئانې راشمان خانىم دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ۋەسىقىلەر ئارىسىدىكى بوز رەخت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياپراقلار ھەققىدە يازدى. ئۇنىڭدىن باشقا 10 پارچىغا يېقىن ئايرىم ماقالىسىنى مەخسۇس ۋەسىقىلەر تېما تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان سىمونې-كىرىستىئانې-راشمان پۈتۈن دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان ۋەسىقىلەرنى ئېنىقلاپ 550 دىن ئارتۇق ۋەسىقە ۋە 100 پارچىغا يېقىن خەت چەكنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى قىسىملىق كاتالوگىنى 2007-يىلى تاماملىدى ۋە بۇ قىممەتلىك ئەمگىكى بىلەن ۋەسىقە تەتقىقاتچىلىرىغا ئالاھىدە ئاسانلىق يارىتىپ بەردى.
قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھوقۇق ۋەسىقىلىرىنىڭ باشقا قول يازمىلاردىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىۋاسىتە قول بىلەن يېزىلغانلىقى شۇڭا ئوقۇشنىڭمۇ باشقا قول يازمىلارغا قارىغاندا قىيىنلىقىدۇر. داي ماتسۇي ئەپەندى شۇ ۋاقىتقىچە ئېنىق ئوقۇش مۇمكىن بولمىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېنىق ئوقۇپ توغرا شەرھلەپ بەرگەن.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم يېڭىلىق، داي ماتسۇي ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابى ئۇيغۇر ھوقۇق ۋەسىقىلىرى ھەققىدە 2019-يىلىدىن بۇيان نەشر قىلىنغان 3-مونوگراپىيەلىك ئەسەر. 2019-يىلى ۋېنگىرىيەلىك ياش تەتقىقاتچى مارتون ۋېر Márten Vér) ) «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە موڭغۇل ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدىكى پوچتا سىستېمىسى» ناملىق دىسسېرتاتسىيەسىنى نەشر قىلغان. ئۆتكەن يىلى تۈركىيەلىك ياش تەتقىقاتچى بەركەر كەسكىن (Berker Keskin) 550 پارچىدىن كۆپ ھەر خىل ۋەسىقىلەرنىڭ تىرانسكرىپسىيەسى، تۈركچە تەرجىمىسى ۋە لۇغىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى نەشر قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى ھەر خىل يۆنىلىشتىن تەتقىق قىلىش بىزنى قەدىمكى ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ياپونىيە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتانى كوزۇي (Ōtani Kozui) قاتارلىق ئارخېئولوگلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىپ، نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتكەن. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قەدىمكى قوليازمىلار تەتقىقاتى شۇ ۋاقىتتىلا باشلانغان بولۇپ شۇنىڭدىن بۇيان ياپونىيە ئالىملىرى تارىخ ۋە دىنشۇناسلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە تېخىمۇ كېڭەيتكەن داي ماتسۇينىڭ بۇ كىتابى بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ۋەسىقىلەرنى تارىخ، ئىقتىساد، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش بىلەن ھوقۇق ۋەسىقىلىرى جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا يېڭى بىر ئۇپۇق ئاچقان. بۇ تەتقىقات ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيەسىدە مەمۇرىي باشقۇرۇش، پوچتا سىستېمىسى ۋە ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتا نەقەدەر مۇھىم رول ئوينىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.