خىتاينىڭ «شىنجاڭ - يېڭى زېمىن» چۈشەنچىسىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ مەنبەسى نېمە؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.11.03
sherqiy-turkistan-xeritisi-1736-1795.jpg مانجۇ ئىستېلاسى دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسىنىڭ بىر قىسمى. (1736-1795)
loc.gov

بىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىگە مەجبۇرىي تېڭىلغان «شىنجاڭ» دېگەن نامنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە لەنەتلىك ئىسىم دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەتەننىڭ مۇنقەرزلىك تارىخىنى ئەسلىتىدىغان ھاقارەتلىك قىسمەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قوزغايدىغان مەسىلە شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي زىيالىيلىرى «شىنجاڭ» سۆزىگە بېرىلگەن «يېڭى چېگرا رايون» ياكى «يېڭى تېررىتورىيە» دېگەندەك تەبىرلەرنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي زىيالىيلىرى «شىنجاڭ» دېگەن سۆزگە «يېڭى چېگرا رايون» (新疆) دەپ تەبىر بېرىشنىڭ خاتا ھەم يۈزەكى چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە بۇ سۆزنىڭ «قايتۇرۇۋېلىنغان كونا چېگرا رايون» (故土新归) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى «شىنجاڭ» نامىنىڭ ئورنىغا تارىخىي مەنبەلەردىكى «غەربىي يۇرت» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شى يۈ» (西域) دېگەن نامنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

خىتايلار نېمە ئۈچۈن «يېڭى زېمىن» ياكى «يېڭى چېگرا رايون» دېگەن سۆزلەردىن بۇنچە راھەتسىز بولىدۇ؟ ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاي ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى يوشۇرۇپ كەلگەن. «شىنجاڭ» دېگەن يەر نامى خىتايلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغاندەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئالىقىنىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر ياقتىن تۈرلۈك ساختا پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى.

2021-يىل، 17-يانۋار «خىتاي ئاخبارات تورى» دا لىيۇ شەنشەن ئىسىملىك خىتاي ئاپتورنىڭ «شىنجاڭ يېڭى تېررىتورىيەمۇ؟ بۇ بىر تارىخىي خاتالىق» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چىڭ تارىخى تەتقىقاتچىسى مەزكۇر ماقالىسىدە، «شىنجاڭ» سۆزىنى «يېڭى زېمىن» ياكى «يېڭى تېررىتورىيە» دەپ ئىزاھلاشنىڭ خاتا چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان ۋە بۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزگەن.

لىيۇ شەنشەن ماقالىسىدە «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىم ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ، «شىنجاڭ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: 1759-يىلى مانجۇ خانلىقى ھۆكۈمرانى چىيەن لوڭنىڭ جۇڭغارىيەنى تىنچىتىپ، «خوجىلار توپىلىڭى» نى باستۇرغاندىن كېيىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى رايونلارنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتىغان، 1884-يىلى رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ ئۆلكىسى» قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىكەن. خىتاي ئاپتور بۇ پۇرسەتتە، چىيەن لوڭنى ئۆز «غەلىبىسى» نى كۆز-كۆز قىلىش ۋە يېڭىدىن ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى قوللانغان دەپ قارايدۇ. باشقا خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىمۇ، «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى، چىيەن لوڭنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

لىيۇ شەنشەن مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ يەنى ھازىرقى يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۈەن، چىڭخەي، گەنسۇ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلارنىڭ ھەممىسى «شىنجاڭ» دەپ ئاتالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. 1884-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا رايونلار مەمۇرى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن «شىنجاڭ» دېگەن بۇ نام شەرقىي تۈركىستانغا «مىراس» قالغان ئىمىش.

لىيۇ شەنشەن چىيەن لوڭنىڭ 1762-يىلى ئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ئەسكىرىي ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش بىر گەۋدىگە ئايلانغان تۈزۈمنى يۈرگۈزگەنلىكىنى، بۇ ھال شىنجاڭدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ۋە تۈزۈمىنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاتالمىش «شىنجاڭ - يېڭى زېمىن» دېگەن ئۇقۇمنى خاتا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئاساسلىق مەسىلە - ئامېرىكالىق تارىخچى ۋە خىتايشۇناس جەيمىس مىلۋاردنىڭ (James Millward) «مانجۇ مۇستەملىكىسى» ئۇقۇمىنى ئىلگىرى سۈرۈشى دەپ كۆرسىتىدۇ. لىيۇ شەنشەن قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى جەيمىس مىلۋاردنىڭ 1998-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، غەربنىڭ ئىلمىي ئۇقۇملىرىنى خىتاي تارىخىغا ئېلىپ كىرمەسلىكى كېرەكلىكىنى، بۇنداق قىلغاندا تارىخىي رېئاللىقنى چىقىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا تەتقىقاتچى جەيمىس مىلۋاردنىڭ خىتايلارنىڭ زىتىغا تەككەن «مانجۇ مۇستەملىكىسى» ھەققىدىكى شەرھلىرى زادى نېمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ شۇنداقلا بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟

جەيمىس مىلۋارد 1998-يىلى نەشر قىلىنغان «قوۋۇقنىڭ سىرتىدا: چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي، ئېتنىك ۋە ئىمپېرىيە ئەھۋالى، 1864-1759» (Beyond the Pass: Economy, Ethnicity, and Empire in Qing Central Asia, 1759-1864) ناملىق كىتابىدا، مانجۇ ئارخىپلىرىدىن ئېرىشكەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا ئائىت يېڭى پاكىتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن. جەيمىس مىلۋارد مەزكۇر تەتقىقاتىدا، مانجۇ خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ خىتاي سۇلالىسى ئەمەس، بەلكى مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىچكى ئاسىيا ئىمپېرىيەسى ئىدى دېگەن قاراشنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئۇ تارىخىي ھۆججەتلەر ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ئىقتىساد ۋە مالىيە سىستېمىسى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان مەزگىللەردە مۇستەقىل ئىگىلىك سىستېمىسى ھوقۇقى ۋە ئېتنىك سىياسەت ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاپتور يەنە ئۇ دەۋردىكى باج سىستېمىسىنى ئانالىز قىلىپ، خىتاي مەركەزلىك باشقۇرۇشنىڭ يېتەرلىك كۆلەمدە ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلى، تارباغاتاي رايونلىرى بولسۇن ياكى ئالتەشەھەر دەپ ئاتالغان جەنۇبتىكى رايونلار بولسۇن، خىتاي سۇلالىلىرى بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن يەر بېجى، سودا بېجى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك باج تۈزۈملىرىگە ئوخشىمايدىغان سىستېمىسىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قامداش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېڭىدىن خىتاي مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىشنىڭ ئورنىغا ئىلگىرى رايوندا مەۋجۇت بولغان قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى قاتارلىقلارنى داۋاملاشتۇرغانلىقى مەلۇم. ئەلۋەتتە چىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن كۆپ مەنپەئەت ئالغانىدى. ھۆكۈمەتنىڭ مانجۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تۈرلۈك پۇل-مۇئامىلە يوللىرىنى تېپىپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار كىتابنىڭ 3-بابىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسكىرىي كۈچلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان قەرز پۇل گۆرۈخانىسى، ئۆي-مۈلۈك ئىجارە سودىسى شىركەتلىرى، چاي ۋە يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت دۇكانلىرى ۋە شىركەتلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى مەلۇم. ئاپتور جەيمىس مىلۋارد بۇ پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ خىتاي ئەندىزىسىگە ۋارىسلىق قىلماستىن بەلكى، ئىچكى ئاسىيادا ئۆزىگە خاس سىياسەتنى يولغا قويغانلىقى كۆز قارىشىنى ياقلايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن جەيمىس مىلۋارد چىيەن لوڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئىمپېرىيە ئىدېئولوگىيەسى سىياسىتىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۆز دەۋرىدىكى يارلىقلارنىڭ كۆپ خىل تىلدا تارقىتىلىشى ۋە 18-ئەسىرلەردە تاماملانغان «مانجۇجە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە بەش تىللىق لۇغەت» نىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى مەلۇم نىسبەتتە ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي زىيالىيلىرى جەيمىس مىلۋارد، پېتېر پەردۇ قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى «يېڭى چىڭ نەزەرىيەسى» نى قوللايدۇ دەپ قارايدۇ. خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «يېڭى چىڭ نەزەرىيەسى» 1990-يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكالىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلارنى ئاساس قىلغان نەزەرىيە ئېقىمى بولۇپ، «خىتاي مەركەزلىك» قارىشىغا قارشى تۇرىدۇ؛ چىڭ ئىمپېرىيەسىنى ئىچكى ئاسىيادىكى كېڭەيمىچى ئىمپېرىيە، خىتاي پەقەت شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى؛ «جۇڭگولۇقلار» دېگەندە پەقەتلا خىتايلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «يېڭى چىڭ نەزەرىيەسى» نى قوللىغۇچىلار ئادەتتە مانجۇلار بىلەن خىتايلارنى ئۆزئارا زىتلاشتۇرۇپ قويىدۇ دەپ قارايدۇ.

جەيمىس مىلۋاردنىڭ مانجۇ ئىستېلاسى دەۋرىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا مەڭگۈلۈك يەرلىشىشنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى كۆرسەتكەن پاكىتلىرى، بىزگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تاكتىكىلارنى قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، 1759-يىلىدىن كېيىن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ تىجارەت باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ جايلىشىش سۈرئىتى تېزلەشكەنلىكى، ھەتتا دەسلەپكى يىللاردا خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ھەرقايسى شەھەر-ناھىيەلەردە مۇسۇلمانلاردىن يىراق ئايرىم بىر رايوندا ياشىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. جەيمىس مىلۋارد چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىمپورت سودىلىرىغا رىغبەت بېرىشى، كېيىنچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىكلەر ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ كىرىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن دەپ قارايدۇ. بىر مىسالدا 1778-يىل 1136 نەپەر خىتاي سودىگەرنىڭ ھۆكۈمەت ياردىمى بىلەن جىمىسار، ماناس ئەتراپىدىكى جايلارغا يەرلەشكەنلىكى ۋە بىكارلىق يەرلەرگە ئىگە بولغانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

جەيمىس مىلۋاردنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ «شىنجاڭ - يېڭى زېمىن» ئۇقۇمىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، مانجۇ ئىستېلاسى دەۋرىدە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تېخى خىتاي مەركەزلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئومۇملاشمىغانلىقىنى، «شىنجاڭ» زېمىنىنىڭ خىتايلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن «يېڭى زېمىن» ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.