خىتاينىڭ يېڭىساردىكى يالغان كىرپىك ياساش بازىسى ۋە ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.04.25
yengisar-saghan-yalghan-chach-zawut-mejburiy-emgek قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى كىچىك كارخانىلار سانائەت باغچىسىدىكى يالغان چاچ ياساش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار. 2022-يىلى 13-مارت، قەشقەر
ts.cn

دۇنيا تارىخىدا گەرچە كۆپ قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن دۆلەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەلۇم بىر مىللەتنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەتلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنياغا ئاشكارىلانغىنىغا 6-7 يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىھەم توختىتىلغىنى يوق، بەلكى ئامېرىكادىن باشقا بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تولۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكىنى يوق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى كېچىكتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى باھالاش دوكلاتى»  ناملىق مەخسۇس دوكلاتىدا، خىتاينىڭ رايوندىكى قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دېگەن كۈچسىز ئىبارە بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.  شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تا بۈگۈنگىچە مەزكۇر تەشكىلات خىتايغا ھېچقانداق بېسىم ئىشلىتىپ باقمىدى. خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان غايەت زور كۆلەملىك تاشقى تەشۋىقاتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزى پەردازلىنىپ ياكى غۇۋالاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارادا تۈرلۈك گۇمان ۋە مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش تاكتىكىلىرى ئۈستىدە ئىنچىكە ئىزدىنىش نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ مەسىلىنى ئەپچىللىك بىلەن تۈرلۈك سىياسىي ناملار ئاستىغا يوشۇرۇپ، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى دەل خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ يىل 18- ئاپرېلدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى يېزا - كەنت زاۋۇتلىرىنىڭ باھاردىكى رىقابىتى» ناملىق خەۋەردە، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان بازىرى يۇقىرى تاغۋاز كەنتىدىكى چېڭلاڭ ئىلمە-توقۇلما چەكلىك شىركىتى يالغان كىرپىك ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى زىيارەت قىلىش جەريانى يېزىلغان. مەزكۇر خەۋەردە بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 80 نەپەر ئايال ئىشچىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۈنلۈكى 500 يۈرۈشتىن 800 يۈرۈشكىچە يالغان كىرپىك ياسايدىغانلىقى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 800 مىڭ يۈرۈشكە يېتىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان يالغان كىرپىكلەرنىڭ ئۇچتۈرپاندىكى تارماق شىركەتكە ئەۋەتىلىپ ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭدىكى خېرىدارلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە يېڭىسار ناھىيەلىك چېڭلاڭ ئىلمە-توقۇلما چەكلىك شىركىتىنىڭ 2023-يىلى 7-ئاپرېلدا قۇرۇلۇپلا ئۇچتۇرپان بازىرى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسى ۋە ساغان بازىرى قاتارلىق ئۈچ يەردە تارماق شىركەت تەسىس قىلىپ، 350 تەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، مەزكۇر شىركەتنىڭ يالغان كىرپىك ياساشتىن باشقا يەنە كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇملار، پاختا-توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بېرىلگەن. خەۋەردە يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى ۋە  سانجى ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىدىكى يېزا-بازار كارخانىلىرى ھەققىدىمۇ بىر قىسىم ئۇچۇرلار بايان قىلىنغان.

يۇقىرىقى خەۋەردە، «چېڭلاڭ» نامىدىكى بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان يېڭىسار ناھىيەسىدە 350 تەك خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىپ، 80 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى گويا «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقى» دەك تەرىقىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ خەۋەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر خەۋەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى دەل مۇشۇ يەردە. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ھەقىقەت دەپ تەسۋىرلەشتەك بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسلۇبى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇپ قېلىشتىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

ئەگەر بىز بۇ ھەقتە چوڭقۇرراق ئىزدىنىدىغان بولساق، يۇقىرىقى ساختا تەشۋىقاتنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئىچكىي رېئاللىقنى تاپالىشىمىز تەس ئەمەس. يەنى بىز ئالدى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېڭىسار ناھىيەلىك چېڭلاڭ ئىلمە-توقۇلما چەكلىك شىركىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى:  مەزكۇر شىركەت چەي شاۋۋېن ئىسىملىك بىر خىتاي تەرىپىدىن 2023-يىلى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، خىتاي نوپۇسى ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسى بويىچە ئاران 2 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. يەنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 309 مىڭ 522 نەپەر بولۇپ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسى 304 مىڭ 680 نەپەر، خىتاي نوپۇسى بولسا 4081 نەپەر.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2010-يىلى خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەركەزنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىپ، ئاتالمىش «19 خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» يولغا قويۇلغان. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى  ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا-بازارلار بىر تۇتاش ھالدا يۇقىرىقى 19 خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا بۆلۈپ بېرىۋېتىلگەن ئىدى. ئەينى يىلى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار ناھىيەسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن جىنىڭ شەھىرى يېڭىسار ناھىيەسىگە نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى «كادىر» لار ۋە «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى ئەۋەتىپ، يېڭىسارلىقلارنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» خىزمىتىگە كىرىشكەن. ھەتتا خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن «جىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە رەھبەرلىك قىلىش ئورنى» مۇ قۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 2011-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ھۆججەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئاتالمىش «ياردەمچى كادىرلار ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى» نىڭ بىر تۇتاش ھالدا ھەرقايسى جايلاردىكى «شىنجاڭغا ياردەم رەھبەرلىك ئورنى» تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. ھەتتا سودىگەر چاقىرىش پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن كەلگەن كارخانىلار ۋە كارخانا رەھبەرلىرىمۇ بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئەسلى تېمىغا قايتساق، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى تاغۋاز كەنتىدىكى يېڭىسار ناھىيەلىك چېڭلاڭ  ئىلمە-توقۇلما چەكلىك شىركىتى جىنىڭ شەھىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئورنى» نىڭ سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ سېلىش چاقىرىقى بىلەن خىتاي كارخانىچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . يەنى بۇ شىركەت ئەمەلىيەتتە جىنىڭ شەھىرىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىگە قىلىدىغان «سانائەت ياردىمى تۈرى»دە، شەندۇڭنىڭ سانائەت لىنىيەلىرىنى يېڭىساردىكى سانائەت لىنىيەلىرى بىلەن باغلاش پىرىنسىپى بويىچە قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دېگەنلىك، مەزكۇر شىركەت شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنىڭ كېلىش مەنبەسى شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ، چېڭلاڭ شىركىتىنىڭ يالغان كىرپىك ياساش كەسپىمۇ دەل شەندۇڭدىن كىرگۈزۈلگەن كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.  ھەيران قالارلىقى شۇكى، دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىۋاتقان يالغان چاچ ۋە يالغان كىرپىكلەرنىڭ 70 پىرسەنتى دەل شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن چىقىدىغانلىقى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جىنەن شەھىرىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە يالغان چاچ ۋە كىرپىك ياساش سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىدۇر. بۇ يەردىكى تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە شۇكى،  2020-يىلىلا خىتاينىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانىدى. 

دېمەك، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى مۇرەككەپ ئۇسلۇبتا باغلىغان «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاشتىكى ۋاسىتە ياكى قورال بولغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، بۇ «قورال»نىڭ قايسى ساھەلەرگە باغلانغانلىقى، كۆلىمىنىڭ قانچىلىكلىكى، ئۇلار ئىگە بولغان مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى، زاۋۇت-فابرىكىلارنى قۇرغان زېمىنلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن دېھقانچىلىق كەسپىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي كارخانىلىرىدا ياللانما ئىشچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى بىزگە تېخىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ئۇچۇرلار بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» ۋە بۇ پىلاننىڭ تۈزگۈچىلىرى، قاتناشقۇچىلىرى ھەم ئىجراچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدۇر!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.