«دۇتار» دىن «قىزىل بايراق» قا: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ ئىچ يۈزىدە
2024.08.22
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 18-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈزلىگەن يېزا-كەنت ناملىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تۇشمۇتۇشتىن خەۋەر ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى.
بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئىزدىنىشلىرىمىز جەريانىدا، 2017-يىلىدىن 2019-يىلغىچە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-قىشلاق ناملىرىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 630 يېزا ئىسمىنىڭ دىنىي، تارىخىي ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە باغلىق ئاتالغۇلارغا چېتىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىگە ماس كېلىدىغان قىزىل مەزمۇندىكى ناملارغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارغا ئېرىشتۇق. مەسىلەن، ئىلگىرىكى مازار يېزىسى «ئەتىرگۈل» يېزىسىغا، ئاق مەسچىت يېزىسى «ئىتتىپاقلىق» يېزىسىغا، دۇتار يېزىسى «قىزىل بايراق» يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
2018-يىلىدىن باشلاپ يېزا-كەنت ناملىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا يەنە، خوتەن قاتارلىق جايلاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دىنىي تۈس ئالغان، مەدەنىيەتسىز» دەپ قارالغان ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئورۇنلارنىڭ ناملىرى، كوچا ناملىرىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقىمۇ مەلۇم. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە «توققۇز گۈمبەز يولى» - «قىزىل بايراق يولى» غا، «بازارمەت يولى» - «بەخت يولى» غا، «جامە كەنتى» - «يوڭئەن كەنتى» گە، «مۇپتى خوجا رايونلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى» - «شاڭياڭ ئىش بېجىرىش ئورنى» غا ئۆزگەرتىلگەن.
تارىخقا نەزەر تاشلىغاندا، خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىدە يېڭى تەختكە ئولتۇرغان خىتاي پادىشاھلىرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى خانىدانلىق دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ئادىتى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋردە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ماھىيەت جەھەتتە بىر تۈرلۈك تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى نىشان قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەرىكىتىدۇر. مەنچىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئورنىغا مۇستەملىكىچىلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر يۈرۈش خىتايچە ناملارنى قويغان. مەسىلەن، ئۈرۈمچىنى «دىخۇا»، بارىكۆلنى «جېنشى»، ماناسنى «سۈيلەي» دېگەن خىتايچە ناملار بىلەن ئاتاش بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىدا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈزلىگەن يېزا-كەنتلەر ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ناملىرى ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىزىل تۈستىكى يەر-جاي ناملىرى ئالماشتۇرۇلغان. مەسىلەن، قىزىل بايراق، شەرق شامىلى، قىزىل يۇلتۇز، شەرق قىزاردى، ئالغا، ئۆكتەبىر، ئازاد قاتارلىق كوممۇنا ناملىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ۋاھالەنكى، 2014-يىللىرىدىن كېيىنكى يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تەسىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولماقتا.
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىنكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنىڭ ماھىيىتى زادى نېمە؟ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» غەرىزىگە يەتمەكچى بولغان. جۈملىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يەر-جاي ناملىرىغا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» تامغىسى ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان كىشىلەر بۇ دولقۇندا زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلام دىنى ئېلېمېنتلىرى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يەر-جاي ئىسىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان يەرلىك ئالاھىدىلىكلەردىن ھېسابلانغاچقا، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىلغا ئايلانغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ كۆزىگە سانجىلغان مىق بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ناملىرى ئىچىدىن يالغۇز مازار، گۈمبەز، ئىسلام، غوجام قاتارلىق سۆزلەرنى چىقىرىۋېتىش بىلەنلا قالمىغان، بەلكى يەر-جاي ناملىرىنى، مازارلارنى ۋە تارىخىي تەزكىرىلەرنى خاتىرىلىگەن، ئارخىپلاشتۇرغان ۋە تەتقىق قىلغان راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، ئابلىز ئورخۇن ۋە ئەخمەت مۆمىن تارىمى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىمۇ قولغا ئېلىپ باستۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەسەبىي كۈچ» تامغىسى ئۇرۇلغان كىشىلەر تۈرلۈك قاماق جازاسى، قىيناش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن دىنىي ۋە مەدەنىيەت تۈسى قويۇق بولغان يەر-جاي ناملىرىدىن شۇنچە قورقۇپ كېتىدۇ؟ بۇ سوئالغا ئىلمىي جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئانتروپولوگ درۇ گلادنېي (Dru. C. Gladney) نىڭ «خىتايدىكى ئىسلام دىنى: ماسلىشىشمۇ ياكى بۆلگۈنچىلىكمۇ؟» تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاپتور ماقالىدە، ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن مىللەت، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ۋە خىتايدىن ئايرىلىپ ياشاش ئارزۇسى ئەڭ كۈچلۈك، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ قارىشىنى كۆپلىگەن مەنبەلەر ۋە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن دەلىللەپ كۆرسىتىدۇ.
مەسىلىنى يەنە بىر تەرەپتىن كۆزەتسەك، خىتاي دۆلەت سىستېمىسى ۋە ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك، ئىرقىي ۋە دىنىي جەھەتتىن پەرقلىق بولۇشىنى ئاتالمىش «تېررورلۇق» ياكى «ئەسەبىي كۈچ» جىنايەتلىرىگە باغلاپ، ئۇلارنى غايەت زور مەھرۇملۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ياكى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئۆچۈرۈلگەن يېزا-كەنت ناملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىش ياكى تېنىۋېلىشى ئۈچۈن، مەلۇم جەھەتتىن زېمىن ھازىرلايدۇ.
يەر ناملىرى سىمۋوللۇق رولغا ئىگە بولۇپ، مەلۇم ئىدېئولوگىيەلىك قىممەت قاراشنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. يەر-جاي ناملىرى ئادەتتە ئابىستىراكىت ياكى كونكرېت ھالدا مىللىي ئاڭ ۋە ھېسسىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىمۋوللۇق ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەر ھاكىمىيەت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىشتا سىمۋوللۇق ئامىللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھاكىمىيەت كۈچلىرى يەر ناملىرىنى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ كەلگەن. مەسىلەن، 1979-يىلى ئىراندا يۈز بەرگەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابى نەتىجىسىدە ئىراندا ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، ئىران پايتەختى تېھراننىڭ ئۆزىدىلا 500 دىن ئارتۇق كوچا ئىسىملىرى يېڭى قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ۋە شىئە مەزھىپى مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناملارغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم. يەنە بىر مىسال ئالساق، 1917-يىلى يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاق تېررىتورىيەسىدىكى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى يەرلىك يەر-جاي ناملىرىنى خېلى زور دەرىجىدە رۇسلاشتۇرغان ياكى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتكەن. مەسىلەن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياركەنت شەھىرى «پانفىلوۋ» غا، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك «فرۇنزې» غا، تاجىكىستان تەۋەسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا «كوممۇنىزم چوققىسى» غا ئۆزگەرتىلگەن. 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ يەر-جاي ناملىرى قايتىدىن ئەسلىدىكى ناملىرىغا قايتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، ئۆتمۈشى، يەرلىك مەدەنىيىتى، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش-قوشۇلۇش تارىخى، تىل ئامىللىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيەلىك ماكانلىرىغا پىسخىكىلىق قاراش، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەقىدە-ئېتىقادلىرىنى سىڭدۈرۈپ ئىسىم قويغان. يېزا-كەنت ۋە كوچا-كويلارنىڭ ئىسىملىرىدا تارىخىي چۆچەكلەر، قەھرىمانلار، يۈز بەرگەن جەڭلەر، قوزغىلاڭلار ياكى خەلق ئىچىدە تەسىر قالدۇرغان دىنىي، سىياسىي، تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ يەر شەكلى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن، مەكىت ناھىيەسىدىكى «شېھىتدۆڭ» دېگەن يەر نامى ماتېرىياللارغا قارىغاندا 1553-يىللىرىدىكى سوپى ئىشان سوقۇشلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، ئۇلۇغلارنىڭ شېھىت بولغان جايى سانىلىپ، «شېھىتدۆڭ» دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم. قۇمۇل رايونىدا قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرىدىن «ساقا» ۋە «قارلۇق»، «ئەلكە»، «ئۇيغۇر»، «تۈرك» قاتارلىق ناملارغا باغلىنىدىغان «ساقا»، «ئالتە ساقا»، «قۇرلۇق»، «قارلۇق تۈگمەن»، «قارلۇق غول»، «ئۇيغۇرغول»، «ئاراتۈرك» قاتارلىق قەدىمكى يەر-جاي ناملىرى ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە باشقا تارىخىي ئىزلار بۇ جايلاردا ساكلار، قارلۇقلار، ئۇيغۇرلار ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ياشىغانلىقى ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىللىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئەزەلدىن تەڭرى تاغلىرى ئېتىكىدە ۋە تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈش، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنى خىتاي سۇلالىلىرى تارىخىغا ياكى خىتاي ئىدېئولوگىيەسى ئاساس قىلىنغان مەزمۇنلارغا باغلاپ شەرھلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر-جاي ناملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قىلمىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە، ئۇلارغا تۈرلۈك روھىي بېسىملارنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، بىر قىسىم ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يېزا ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، يۇقىرى تېخنىكىلىق كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەقىبىگە ئۇچراپ، ئۆز ئۆيىنى تاپالماي كۆپ رىيازەتلەرنى چەككەنلىكى مەلۇم.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنىڭ ماھىيىتىنى ئۇلارنىڭ روشەن ھالدىكى سىياسىي مۇددىئاسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەر-جاي ناملىرىنى بېكىتىشتە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى كۆزلەش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان يەر-جاي ناملىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت سىياسىي مىزاننى ئاساس قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان مۇستەملىكە-ئىشغاليەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ۋە بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پەردازلاشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا سىستېمىلىق پىلانلانغان تاكتىكادۇر. ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى يوقىتىش قىلمىشىنىڭ ئىچ يۈزى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى تەشكىل قىلغۇچى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۆزدىن يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي كىملىكى ئىدېئولوگىيەسى بىلەن سۇغۇرۇشنى نىشان قىلغان.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]