ئۇيغۇرلاردا يىگىت بېشى تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى رولى
2024.06.10
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان دوستلۇق ئۆيىدە «يىگىت بېشىنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى رولى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە جەمئىيەتنى تۇراقلىق، تىنچل ھەم رازىمەنلىك قەدرىيەتلىرى ئەتراپىغا بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «يىگىت بېشى» دېگەن بۇ ئادەت ۋە ئۇقۇم پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدۇر. قازاقىستاندا مەزكۇر قۇرۇلما سابىق سوۋېت دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولغان ئىدى، ئەمما يىگىت بېشىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەۋج ئالغان «قايتا قۇرۇش» دەۋرىدە ھەم شۇنىڭدەك قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. يىگىت بېشىنىڭ پائالىيىتى پەقەت توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ مەدەنىي ئىشلىرىدىمۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىمۇ روشەن بىلىنمەكتە. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىكى يىگىت بېشى قۇرۇلمىسى ئۆز پائالىيىتىنى جاي-جايلاردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە ئېلىپ بارماقتا.
ئالمۇتا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى بوستانلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھەم شۇ ناھىيەلىك باش يىگىت بېشى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ئاچتى. ئۇ ئۆز سۆزىدە يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ يىغىننىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە يىگىت باشلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ھاكىمىيەت مەمۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت بۆلۈم باشلىقى تېمىرلان شوتانوف مۇنداق دېدى: «ئۆتكەندە 1-مايدا ‹قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىكى كۈنى› ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا سىلەرنىڭ مەركەزنىڭ قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى. شۇ كۈنى سائەت 11 دە باشلانغان بايرام سائەت 15 كىچە داۋام قىلدى. مۇنداق ئىش بىزدە تۇنجى قېتىم بولدى. ئېلىمىزدە 130 دىن ئوشۇق مىللەت ياشايدۇ. ئۇلارغا مەملىكەت تەرىپىدىن قوللاش بولۇپ، ياردەممۇ بېرىلىۋاتىدۇ. بارلىقىمىز بىرلىشىپ، مۇشۇنداق تويلاردا ۋە يىغىنلاردا بىللە بولۇپ، بىر چېدىرنىڭ ئاستىدا جەم بولغىنىمىز ناھايىتى توغرا دەپ ھېسابلايمەن.»
تېمىرلان شوتانوف 1-مايدا ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن يىگىت باشلىرىنى ۋاقتىدا تەقدىرلەپ ئۈلگەرمىسىمۇ، بۈگۈن شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكنىڭ تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە سۆز ئالغان ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان ئوبۇلوف، ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مەھمۇتجان مەڭسۈروف، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى رۇستەم خەيرىيېف ۋە باشقىلار «يىگىت بېشى» دىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە نادىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتچىلىق ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى رولىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ناتىقلار شۇنىڭدەك يىگىت باشلىرىنىڭ ياشلارغا مىللىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بېرىشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىشتا، ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى، ئەدەبىياتىنى، مەتبۇئاتىنى ھەر تەرەپلىمە قوللاش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مەھمۇتجان مەڭسۈروف ئەپەندى ئالمۇتا شەھىرى ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇ يەرگە ھۆكۈمەت چاقىرغاندا ھەممىمىز قاتنىشىمىز. ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، مىللىي تائاملىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ، ئالمۇتادا ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇۋاتىمىز. بىرلىشىش يولىدىمۇ ياخشى ئىشلار مېڭىۋاتىدۇ. بۇرۇن شەھەر ۋە جۇمھۇرىيەت بىلەن ئىشلەيدىغان يىگىت باشلىرى بۆلەك-بۆلەك ئۆز ئالدىغا ئىش قىلاتتى. ھازىر ئۈچ ناھىيەدە يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، شەھەرلىك ۋە جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرى رەئىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىغىنلار ئۆتتى. بوستانلىق ناھىيەسىگە كەلسەك، كارلىن مەخپىروف كەلگەندىن بۇيان بىرلىشىش ئىشلىرى بولۇۋاتىدۇ. يىغىنلار ئۆتكۈزۈلۈپ، يىگىت باشلىرى ناھايىتى ئاكتىپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىرلىكتە، ئۆملۈكتە، باشقا مىللەتلەر ئالدىدا چىرايلىق ياشىساق، مىڭلىغان يىللىق تارىخى بار شۇنچىلىك ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ياخشى تەرىپىدىن كۆرۈنسەك، دېگەن ئارمىنىم بار.»
مەھمۇتجان مەڭسۈروف يىگىت باشلىرىنىڭ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قازاقىستاننىڭ ھەر قانداق جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ ئىنسانلارغا كۆپ مىقداردا ماددىي ياردەم كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى مەدەنىيەت ئىشلارغىمۇ ياردەم قولىنى سوزۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «جامائەت ئەربابى كارلىن مەخپىروف ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا يىگىت باشلىرىنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى رولى ھەققىدە ئورۇنلۇق پىكىر ۋە تەكلىپلەر بېرىلدى. راست، يىگىت باشلىرى كېچە-كۈندۈز يۇرتىنىڭ غېمىنى قىلىش بىلەن بىر قاتاردا مىللىتىمىزنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقىمۇ تىرىشىۋاتىدۇ. مەيلى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يۇرتلاردا بولسۇن، مەيلى ئېلىمىز قازاقىستاننىڭ ھەر خىل رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەر، بالا-قازالار ۋە باشقىمۇ كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر بولسۇن، قىلىۋاتقان تىرىكچىلىكىنى، ئىچىۋاتقان تامىقىنى تاشلاپ، ياردەم بېرىشكە ئالدىرايدۇ. بۇ يىغىندا ھاكىمىيەت ۋەكىللىرىمۇ يىگىت باشلىرىنىڭ ئىشىنى يۇقىرى باھالىدى. دېمەك، ھۆكۈمەتمۇ يىگىت باشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى قوشۇۋاتقان مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قوللىدى دېگەن سۆز. يىغىندا ئەنە شۇنداق يىگىت باشلىرى تەقدىرلەندى. ئەمدى بىز ياشلىرىمىزنىمۇ شۇ روھتا تەربىيەلەپ، خەلقىگە، ئېلىگە خىزمەت قىلىدىغان مىللەتپەرۋەر ئىنسانلار دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.»
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن «يىگىت بېشىنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى رولى» ماۋزۇسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇرنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز مىللىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە سۆيىدىغان ۋە ئېلىنى قەدىرلەيدىغان يىگىت باشلىرىغا ناھىيەلىك ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئالماگۈل، كۆكتېم، ئوربىتا ۋە باشقىمۇ رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يىگىت باشلىرى ئالمالى ناھىيەلىك ھاكىمى سانجار ئالىننىڭ تەشەككۈرنامىلىرى بىلەن تەقدىرلەندى. تەشەككۈرنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سىزنى 1-ماي قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىكى كۈنى بايرىمى بىلەن چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشۇۋاتقان مۇھىم تۆھپىڭىز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. كېلەچەكتىمۇ بار بىلىمىڭىز ۋە تەجرىبىڭىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلىدىغىنىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.»
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىدا كۆپ يىللار ئەمگەك قىلغان پېشقەدەم مەرىپەتچى قەھرىمان ئەمەتوفنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا «قازاقىستاننىڭ ۋەتەنپەرۋەرى» جەمئىيەتلىك مېدالىنى تاپشۇرغان.