قىسقا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى سەۋەبىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن كۈنتاختىلارنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۈيۈك برىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۇنيانىڭ سودا تەرتىبىنى قايتىدىن تەڭشەپ چىقىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاموژنا بېجى قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇپ، ئۆزى بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بارغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودىسىنى چەكلىشىنى تەپەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاي بىلەن يېقىندا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە كېلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتىدە كېلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكىنىڭ دەلىلى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ئىستىقباراتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ دوكلات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 17-ئاپرېل «قەيەردە تۇرىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بار: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى چوڭ مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئانالىزچىلار: پرېزىدېنت ترامپىنىڭ خىتايغا قويغان بېجى شى جىنپىڭنىڭ ھالى ئەڭ خاراب ۋاقتىغا توغرا كەلدى

ئالىي تەتقىقاتچى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھازىر چۆكۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىدىكەن.

شىنجاڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى تارتقان خىتاي سەنئەتكارنى جازالىغان

شىنجاڭدا بىر خىتاي سەنئەتكار تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى رۇخسەتسىز تارتقانلىقى ئۈچۈن «فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى»غا ئاساسەن 75000 يۈەن جېرىمانە قويۇلۇپ، قوللانغان ئاپارات ئۈسكۈنىلىرى ۋە تارتقان ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى 245 پىرسەنتكە يەتكەن

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى قويغان «قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك ھەرىكەتلىرى» سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرى 245 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.