ئامېرىكا ب د ت دا شىمالىي كورېيەنى قانات ئاستىغا ئالغان خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ئەيىبلىدى
2024.11.05
11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ قاتتىق جازا چەكلىمىسى قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيە شىمالىي كورېيەنىڭ خەتەرلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۆز يۇمغان ھەمدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە چارە قوللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى روبېرت ۋۇد (Robert Wood) مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە بىلەن خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا نومۇسسىزلارچە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئۇلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يادرو قوراللىرى قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى بىمالال تەرەققىي قىلدۇرماقتا».
روبېرت ۋۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورېيە 31-ئۆكتەبىر كۈنى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت يىغىن چاقىرىپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلماقچى بولغان، ئەمما رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2006-يىلدىن باشلاپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىلمىشىنى چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، شىمالىي كورېيە ئامېرىكاغا ئوخشاش «دۈشمەن دۆلەتلەر» نىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن. رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ تەلىپىنى ھەقلىق دەپ قارىغان ھەمدە ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنى «زىيادە قورقۇنچلۇق دۆلەت» دەپ چەكلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.