ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر تەلەپ قىلغان
2024.10.02
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكادا ئېلىپ بارغان تەسىر كۆرسىتىش ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە ئۆزلىرىگە تولۇق مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
«خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ئاۋام پالاتا ئەزاسى داررېل ئەيسا (R-CA) باشچىلىقىدىكى 13 نەپەر مەجلىس ئەزاسى ئامېرىكانىڭ باش تەپتىشى مېررىك گارلاند، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغان. ئۇلار مەكتۇپىدا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولغان خىتاينىڭ سىستېمىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۆرسىتىش ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە دائىر ۋەقەلەرنىڭ توختىماي تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يۇقىرىدىكى مەجلىس ئەزالىرى خېتىدە بۇنىڭغا نۇقتىلىق ھالدا ئىككى مىسالنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ بىرى، يېقىندا نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) نىڭ جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىش ۋەقەسى ئىكەن. لىندا سۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.
يەنە بىرى بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد ھەمكارلىقى APEC باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىگە كەلگەندە ئۇ يەردىكى خىتاي قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى ئىكەن. دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئامېرىكادىكى قوللىرىنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتكەن.
ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەمەلدارلىرىغا يوللىغان مەكتۇپىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە دائىر قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتىلانماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.