ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توماس سۇزى جوۋ بايدېنغا خەت يېزىپ، گۈلشەن ئابباس قاتارلىقلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرغان
2024.11.28
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توماس سۇزى (Thomas R. Suozzi) 27-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرغان.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «پىرېزىدېنت جانابلىرى، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر نەچچە ئايلا ۋاقتى قالدى، مەن مۇشۇ پۇرسەتتە سىزنى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ، خىتاي تەرىپىدىن سىياسىي جىنايەتچى دەپ قانۇنسىز قامالغان گۈلشەن ئابباسنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمەن».
توماس سۇزى بۇ مەكتۇپتا يەنە، خاماس قوراللىق كۈچلىرى 2023-يىل 10-ئايدا ئىسرائىلىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغاندا گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئۆمەر نيۇترا (Omer Neutra) ئىسىملىك بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلغان.
توماس سۇزى بۇ مەكتۇپىدا، گۈلشەن ئابباسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆمەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى، كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشلارنى قولغا ئالغۇچە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئائىلىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پىرېزىدېنت جانابلىرى، سىز ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاخىرقى ئايلاردا ئاشۇ مەھكۇملارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز، مانا ھازىر سىزنىڭ ئاشۇ ۋەدىڭىزنى ئورۇنلايدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى. بىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي، يەنىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. ئەگەر سىزنىڭ بۇ ئاخىرقى بىر نەچچە ئايلىق ۋەزىپە مۇددىتىڭىزدە، ئۇلار يەنىلا تۈرمىدە ياتسا بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلىمەن. شۇڭا مەن سىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.