ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭەشى ئامېرىكانىڭ ئىككى خىتاي شىركىتىنى جازالىغانلىقىنى قارشى ئالدى
2024.10.04
ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭەشى» ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە ئىككى خىتاي شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن جازالىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ 3-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئېدۋارد ئەھمەد مىشېل، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن پايدا ئېلىۋاتقان بۇ شىركەتلەرنى ھەم باشقىلارنى چەكلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەشكىلات بۇرۇنمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلانغان خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەشنى قارشى ئالغانىكەن.
دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە تۈرك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاينى قوللاۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشنى قارشى ئېلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئۈرۈمچى باگاڭدىكى «شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر شىركىتى» بىلەن خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى «چاڭجوۋ گۇاڭخۇي يېمەكلىك تېتىتقۇلىرى شىركىتى» نى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن چەكلىشىگە ئۇچرىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 75 كە يېتىپ بارغان. خەۋەرلەردە، بۇ ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى خىتاينىڭ پولات تۆمۈر ساھەسىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ماتېرىيال مەنبەسى قىلغان شىركەتلەرگە كېڭەيتىشى، دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان باۋۋۇ گۇرۇھىغا قاراشلىق «شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر شىركىتى» خىتاينىڭ دۆلەت ھامىلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغا ئىزچىل ھەم ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن.
بۇ يىل 8-ئايدا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ «شىنجاڭ خابا ئاشلې مىس شىركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كارخانىسىنى قارا تىزىملىككە ئالغاندىمۇ، «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭەشى» بۇ قارارنى قارشى ئالغانىدى.