ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا مەركەزلىشىدىغانلىقى، ياۋروپانىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشىنى تەكىتلىدى
2025.02.13
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت ( Pete Hegseth) چارشەنبە كۈنى يەنى 12-فېۋرال ئامېرىكانىڭ NATO ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاي تەھدىتىنىڭ «رېئاللىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە ياۋروپالىقلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پېت خېگسېتنىڭ بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىشىچە، خىتاي «رېئاللىقى» ۋە چېگرا تەھدىتى ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالەتچىسى بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتىكەن. پېت خېگسېت، يىغىندا ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قىسقارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كېيىنرەك ئامېرىكانىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى دەرھال قىسقارتىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدەك NATO ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي سېلىنمىنى 5 پىرسەنتكە چىقىرىشىنى چاقىرغان.
پېت خېگسېت بېلگىيەدىكى ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: ««بىز ئۆزىمىزنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە مەركەزلىشىۋاتىمىز، بىز يەنە ۋەتىنىمىز ۋە بىزنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى نېگىزلىك دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە تەھدىت سېلىش قابىلىيىتى ۋە نىيىتى بولغان كوممۇنىستىك خىتايغا ئوخشاش رەقىپلىرىمىزگە دۇچ كەلمەكتىمىز.»
پېت خېگسېت يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا تىنچ ئوكياندا خىتاي بىلەن ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەيۋە قىلغۇچى كۈچىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا. رېئاللىقتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىش ۋە سېلىنمىنى تەڭشەپ، ھەيۋە قىلىش كۈچىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ھەيۋە قىلىش كۈچىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىغا بولمايدۇ.»
بۇ، پېت خېگسېتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، ئۇنىڭ NATO باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق بىريۇسسېلغا قىلغان تۇنجى زىيارىتىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ بىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ كۈچىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە كەسكىن ئىپادىلەردە بولۇشىدۇر.
پېت خېگسېتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا NATO غا ئەزا بولۇشىنى «مۇزاكىرە ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەمەلىيەتچان بىر نەتىجە» دەپ قارىمايدىكەن. ئۇ يەنە ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغان ياۋروپا تىنچلىق ساقلاش قىسمى NATO نىڭ نامىدىن بولماسلىقى ۋە بۇ NATO نىڭ 5-ماددىسىغا كىرمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، NATO ئەھدىنامىسىنىڭ 5-ماددىسىدا ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىش ھەممىگە ھۇجۇم قىلغانلىق، دەپ ھېسابلىنىدىكەن.