خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن شىجىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئالىي ئۇچرىشىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025.03.31

خىتاي ئەمەلدارلىرى پرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئالىي ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايتا كەڭ كۆلەمدە تەڭشىلىشىدىن بۇرۇن يۈز بېرىش كېرەكلىكىگە قوشۇلسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاستا ۋە مۈشكۈل بولماقتا ئىكەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ دۈشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرى ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر گېزىت بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىدە پرېزىدېنت ترامپنىڭ تاموجنا بېجى، گرىنلاند، ئۇكرائىنا ۋە باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان چاقماقتەك ھەرىكەتلىرىدىن چۆچىگەن. شۇ سەۋەپتىن، ئۇلار بۇ ئالىي ئۇچرىشىش كۈنىنى بېكىتىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا ئىكەن.

بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇزاكىرىدىن مەلۇماتى بار ئىككى خىتاي مۇتەخەسسىس بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە نيۇيوركتا ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان تاموجنا بېجى مۇشۇ ھەپتە كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىكەن.

ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئالىي ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۈشكۈل ھالغا چۈشكەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خەگسەس خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدىكى ھەربىي قوماندانلىقىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. فوكس خەۋەر تورىنىڭ يەكشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەگسەس ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېن ناكاتانى بىلەن توكيودا كۆرۈشۈپ، «ياپونىيە كوممۇنىست خىتاي ھەربىي كۈچلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زوراۋانلىقىنى توسۇشتا مۇستەسنا بولسا بولمايدىغان شېرىكىمىزدۇر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.