ئامېرىكانىڭ تەۋەككۈل مەبلىغى شىركەتلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى رولى قايتا تەكىتلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.21

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئورتاق بولۇپ كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تەنقىدلىگەن.

«ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى» X تىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە ئامېرىكانىڭ تەۋەككۈل مەبلىغى شىركەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن خىتاي شىركەتلىرىگە نەچچە يۈز مىليون مەبلەغ سالدى» دېيىلگەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېكۇئايا كاپىتال، ۋالدىن خەلقئارا شىركىتى، كۇئالكام ھەسسىدارلىق شىركىتى، GSR ھەسسىدارلىق شىركىتى، GGV كاپىتال قاتارلىق شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىشىغا ياردەم قىلغان سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىركىتى Megvii، چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان SenseTime، DeepGlint قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى» كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان ئامېرىكالىق تەۋەككۈل مەبلىغى شىركەتلىرى ھەققىدە 68 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا ئۇلار، ئامېرىكانىڭ 5 تەۋەككۈل مەبلىغى شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم بېرىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىگە ئاز دېگەندە 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكانىڭ مەبلىغىنى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى شىركەتلەرگە سالماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن مۇنازىرىلەر قوزغالغان ۋە بىر قىسىم شىركەتلەر خىتاي بازىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.