ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-11-11
Share

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 11-نويابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-قېتىملىق خەلقئارا كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە يىغىنى يەنى «COP 26» يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىدە بىرلىككە كەلگەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىدىكى «ئارزۇسىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. بىرلەشمە باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت بۇ ئون يىلدا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىرلىكتە قىلىشقا قوشۇلغان. ھەمدە خىتاي تۇنجى قېتىم پاتقاق گازى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

بۇ كېلىشىم كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە دىپلوماتلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇلار يەرشارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يېڭى ئېنېرگىيە كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېڭى شەرتنامىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2014-يىلى تۈزگەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى بىرلىكتە چەكلەش كېلىشىمىدىكى ماددىلارغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2030-يىلدىن بۇرۇن بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، ئەمما ئېنىق بىر ۋاقىتنى بېكىتمىگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقتىن ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلەشكە قىستىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت