ئانتونىي ئالبانېزنىڭ خىتاي زىيارىتى «دوستلۇق رىشتە» ئورنىتىش بىلەن ئاخىرلاشتى
2023.11.07
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېز (Anthony Albanese) 4-نويابىردا خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، زىيارەت ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان ۋاقىتلاردا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر بىر قاتار نېگىزلىك مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بەزى مەسىلىلەرنىمۇ تىلغا ئېلىشى ئۈمىد قىلىنغان ئىدى. ئەمما زىيارەت ئاياغلاشقاندا تاشقى دۇنيا ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان مەنزىرىنى كۆرەلمىدى.
«ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى» ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدىن نەقىل ئالغان ھالدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنى «ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دەپ تەرىپلىگەن. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا توختامىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ئوخشاش قاراشلار ئاساسىدا ئالغا قاراپ مېڭىش» قا قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئالدىنقى يىللاردا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى چۇقانلارغا ئاۋاز قوشقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە ئېمبارگو چارىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە يىرىكلەشكەنىدى . يەنە بىر ياقتىن ئاۋسترالىيەدە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەسىرى ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. مۇشۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان ھەمدە بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتاي بازىرى ئىزچىل ئاۋسترالىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تاشقى سودا بازىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئىزچىل دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە كوزىر سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.