ئارفىيە ئېرى ياپونىيە پارلامېنتى ئەزالىقىغا قايتا سايلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.28

ياپونىيەنىڭ 2023-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئارفىيە ئېرى، 27-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنىدىكى ئومۇمىي سايلامدا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن قايتا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئارفىيە ئېرى ياپونىيەنىڭ 2023-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ياپونىيەنىڭ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن قايتا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئىچىكاۋا ۋە ئۇراياسۇ رايونلىرىدىن سايلامغا قاتناشقان.

ئۇ سايلام جەريانىدىكى رىقابەتتە، ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قول بولۇشىنى تەكىتلىگەن. ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىملىق سايلىمى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق باش مىنىستىر فۇمىئو كىشىدانىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شىگېرۇ ئىشىبانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. شېگۇرۇ ئىشىبا بۇ يىل 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئارقىدىنلا 27-ئۆكتەبىر پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 27-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سايلامدا ئارفىيە ئېرى قايتا سايلانغان بولسىمۇ، ئەمما 1955-يىلىدىن بېرى ياپونىيەدە ئاساسەن ئىزچىل ھاكىمىيەت باشقۇرۇپ كەلگەن لىبېراللار پارتىيەسى پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورنىدىن مەھرۇم قالغان. بۇ، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشىدۇر.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە سايلام شېرىكى بولغان كومېيتۇ پارتىيەسى 465 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسىنىڭ 215 كىشىلىك ئورنىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا 233 كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.

ياپونىيەدە چوڭ بولغان 36 ياشلىق ئارفىيە ئېرى، ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى ۋە ب د ت قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن. نۆۋەتتە، ئۇ ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ياش ئايال پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.