ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرى تۈركىيە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن
2023.05.25
يېقىندا ياپونىيە «ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) ياپونىيە سىياسىي قاتلىمىدىكى بىر شەخس سۈپىتىدە تۈركىيەنىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسى قورقۇت گۈنگەن (Korkut Güngen) بىلەن كۆرۈشكەن.
ئارفىيە ئېرىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، باش ئەلچى قورقۇت ئەپەندى 18-ماي كۈنى ئارفىيە ئېرىنىڭ ئىشخانىسىغا زىيارەتكە كەلگەن. ئارفىيە ئېرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان كىشىلەرگە ئۆز تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك «ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئەۋلادىدىن بولغان تۇنجى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياپونىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن» دېگەن. شۇنىڭدەك تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشمە خاتىرىسىدە ئۆزىگە ھەدىيە قىلىنغان بۇردان يىپەك ياغلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ بىر يىلتىزدىن كەلگەن قانداش خەلقلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئارفىيە ئېرى 2023-يىلى ئاپرېلدا چىبا (Chiba) رايونىغا ۋاكالىتەن پارلامېنت سايلىمىدا يېڭىپ چىققان بولۇپ، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئەزاسى بولۇپ قالغان. ئارفىيەنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا يېڭىپ چىققانلىقى شۇ ۋاقىتلاردىلا ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالغان خەۋەر بولۇپ قالغان ئىدى.