ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كېلەر ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-03
Share

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرن 2-دېكابىر كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى كېلەر ھەپتە كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسى، بۇ يىل 7-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ئاۋام پالاتاغا سۇنۇلغان، بىراق قانۇن لايىھەسى ھازىرغا قەدەر ئاۋازغا قويۇلمىغان.

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو، ئاۋام پالاتاسى، بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە بەزى داڭلىق شىركەتلەرنى بۇ قانۇننىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. جېيمىس مىكگوۋېرن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «كېلەر ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر ھەپتە بولىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «بىز خىتايغا قارىتا بەزى قانۇنلارنى چىقىرىشنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمىز. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان. بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ مەلۇم شەكىلدە ماقۇللىنىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ئارقىدىن پرېزىدېنت ئىمزا قويۇپ قانۇنغا ئايلانسا، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغانلىق ئېھتىمالىغا ئاساسەن ئامېرىكاغا كىرىشى بىردەك چەكلىنىشنىڭ يولى ئېچىلىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قانۇن ماقۇللانسا، خىتاينىڭ رايوندىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت