ئاۋسترالىيە خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «خەتەرلىك ۋە غەيرىي كەسپىي» ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىگەن
2025.02.13
ئاۋسترالىيە 13-فېۋرال خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسى چارلىغۇچى ئايروپىلانىغا قارىتا «خەتەرلىك ھەم غەيرىي كەسپىي» ئىغۋاگەرچىلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ نۇقتىسىدىن ئۆكتە قوپۇپ، ئاۋسترالىيەنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا «قەستەن ئۈسۈپ كىرىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ، ئاۋسترالىيە-خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا بۇ خىل «خەتەرلىك» ئىختىلاپقا چۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس (Richard Marles) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «P-8A پوسېدون» ناملىق دېڭىز چارلىغۇچى ئايروپىلانى 11-فېۋرال جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز ھاۋا تەۋەلىكىدە دائىملىق چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭJ-16 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى ئاۋسترالىيە چارلىغۇچى ئايروپىلانىغا 30 مېتىر يېقىنلىشىپ، يورۇقلۇق بومبىسى قويۇپ بەرگەن. رىچارد مارلېس ئاۋسترالىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ، بىز خەتەرلىك دەپ ئېلان قىلغان بىر ھەرىكەت، بىز ئەندىشىلىرىمىزنى تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن، ھەم كانبېررادا ھەم بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈردۇق» دېگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھەرىكىتىنى «قانۇنلۇق، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىق» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ ۋەقەدە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 13-فېۋرال مۇخبىرلارغا «خىتاي تەرەپنىڭ قوللانغان قوغلاپ چىقىرىش تەدبىرلىرى قانۇنلۇق، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىتۇر. خىتاي ئاۋسترالىيەگە جىددىي دىپلوماتىك ئەسلەتمىلەردە بولدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ نورمال يۈرۈش ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايون دېسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ئادالەت سوتى 2016-يىلى كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.