مۇتەخەسسىسلەر: «ئاۋسترالىيە 3 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن»
2023.03.09
ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيەنىڭ كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدىلا خىتاينىڭ ئۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئاۋسترالىيەنىڭ دەرھال ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىلەر گېزىتى» دىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پېتىر جېننىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر مۇتەخەسسس ئىككى كۈنلۈك يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان «قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق دوكلاتىدا بۇ خەۋپنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.
ئۇلار بۇ ئۇرۇشنىڭ 2026-يىلىلا بولىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىم ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەمدە يەنە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيەنىڭ بۇنداق بىر ھۇجۇمغا تەييارلىقسىزلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاۋسترالىيەنى بۇ ھالەتنى دەرھال ئۆزگەرتىشكە، ھەربىي ھازىرلىقلارنى جىددىي ھالدا كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
ئۇلار دوكلاتىدا «يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق خاتىرجەملىك دەۋرى ئەمدى تۈگىدى، ئاۋسترالىيەنىڭ تارىختىكى بايرام كۈنلىرى ئاخىرلاشتى» دېگەن ۋە ئاۋسترالىيەنى خىتاي دۆلەت رەئىسى جىنپىڭنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئارمىيەسىنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىقىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.