ئاۋسترالىيە خىتايدىن كېلىدىغان ئىشلەمچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى توختاتقان
2024.05.15
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن كېلىپ، ئاۋسترالىيەدە مەلۇم مۇددەت ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمەت ۋىزىسىنى توختىتىپ قويغان. مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدە قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار خىتاي، ۋىيېتنام ۋە ھىندىستان ئىشچىلىرى ئارىسىدىن لاتارىيە ئارقىلىق تاللىنىدىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 15-ماي كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان خىزمەت ۋىزىسىنى پۈتۈنلەي توختاتقان بولۇپ، 2024-يىلنىڭ ئاخىرىدا قايتا ۋىزا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. 2025-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، خىتاي، ھىندىستان، ۋىيېتنام پۇقرالىرى خىزمەت ۋىزىسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشۈپ، لاتارىيە ئارقىلىق ۋىزىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
ئاۋسترالىيەنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەت ۋىزىسى 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ۋىزىنى ئالالىغانلار ئاۋسترالىيەنى مەلۇم مەزگىل زىيارەت قىلالايدىكەن ھەم ئىش تېپىپ ئىشلىيەلەيدىكەن. بۇ ۋىزىنىڭ ۋاقتى 12 ئاي بولۇپ، بەزى ئەھۋالدا ئۇنى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئۇزارتىشقا بولىدىكەن.
ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئاۋسترالىيە ھەر يىل 5000 خىتاي پۇقراسىغا ۋاقىتلىق خىزمەت ۋىزىسى بېرىدىكەن. خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ چۆكۈشى، ئىشسىزلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ دەرھال تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يەنە يېڭىچە ۋىزا بېرىش ئۇسۇللىرى بىلەن خىتايدىن ماھىر ئىشچى ۋە ئۇستىلارنى، تېخنىك خادىملارنى قوبۇل قىلغان؛ ئەمما مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولغان خىتايلارنى ئازلاتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشالايدىغان ئالاھىدە قابىلىيەتلىك ئىشچىلارغا ۋىزا بېرىشنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزگەن. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، 2024-يىلنىڭ ئاخىرىدا مەبلەغ سېلىش شەكلى بىلەن ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولىدىغانلارغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.