خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.06.11

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 15-ئىيۇندىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدە تۆت كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتكەن يەتتە يىل ئىچىدە ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ قالىدىكەن.

«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۆتكەن يەتتە يىلدا ئىزچىل يامانلىشىپ ماڭغان. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سكوت موررىسون (Scott Morrison) «بىز تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل يوسۇندا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەدىن ھاراق، ئارپا ۋە كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە ئۈچۈن ھەر يىلى 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زىيان كۆرۈلگەن. ئەمما 2022-يىلى مايدا سولغا مايىل ئەمگەك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش تىرىشچانلىقى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرۈلگەن ۋە ئىمپورت چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانىزى (Anthony Albanese) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنى قارشى ئالىمىز. بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق بىز ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لى چياڭ بۇ قېتىم يەنە يېڭى زېلاندىيە ۋە مالايسىيادىمۇ زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە ئانتونى ئالبانىزىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىكى خىتاي زىيارىتىگە جاۋابەن قىلىنغان زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.