ئاۋسترالىيەدە خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
2024.06.17
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 17-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. نامايىشچىلار ئاۋسترالىيەنىڭ پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىۋاتقاندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى بىلەن ئاۋسترالىيە ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا خېلى ئېغىر سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلار بولغان.
ئاۋسترالىيە ئالاھىدە رادىيو قانىلى (SBS) 17-ئىيۇن بەرگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭغا قارشى شوئار توۋلىغان. بەزى خىتاي نامايىشچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرمەكچى بولغان. ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىن بايراقنى تارتىۋالغان ۋە نامايىشچىلارغا زورلۇق كۈچ ئىشلەتكەن. نامايىشچىلاردىن بىرى «تىنچلىقنى بۇزغان» دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان.
ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسى سىرتىدا جىددىي قارشىلىق ۋە نامايىشلار بولۇۋاتقاندا، پارلامېنت بىناسى ئىچىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر بولغان خىتاي رەھبىرىنى بۇ شەكىلدە كۈتۈۋېلىشى نامايىشچىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئاۋسترالىيەگە كەلگەن لى چياڭ، خىتاينىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى باش مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ كېلىپلا ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوڭشايدىغانلىقىنى، ئىقتىساد-سودا، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدا ھەمكارلىقنى قايتا كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبېنىزى (Antony Albanese) 2023-يىل 11-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم لى چياڭنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشى ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى قايتا ياخشىلاش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 16-ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبېنىزىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، سودا-ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشنى تىلغا ئېلىشتىن ئاۋۋال، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە ئوبدان قاراپ چىقىشقا ئۈندىگەن.