بانكوكتىكى پارتلاشقا «جاۋابكار» دەپ قارالغان ئىككى ئۇيغۇرنى سوتلاش باشلانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«بېنار خەۋەرلىرى» تورى بانكوكتىكى پارتلاشقا «جاۋابكار» دەپ قارالغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ 22-نويابىر كۈنى سوتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 7 يىل بۇرۇن بانكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىگە مەسئۇل دەپ گۇمان قىلىنىپ تۇتۇلغان ئىككى ئۇيغۇر گۇماندار، بۇ سوتتا ئۆزلىرىگە پايدىسىز گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئادەم قاراتاغ (ياكى بىلال مۇھەممەد) بىلەن يۈسۈپ مىرئەلى ئىسىملىك بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى سوتلاش تەرجىمان مەسىلىسى ۋە كوۋىد يۇقۇمى سەۋەبىدىن كېچىكىپ كەتكەن.

22-نويابىر كۈنى تايلاندنىڭ بومبا بىر تەرەپ قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئىككى ساقچى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ 2015-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تايلاندتىكى بىر بۇتخانىغا بومبا قويۇپ پارتلاتقانلىقىنى، 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 100 ئادەمنىڭ يارىلانغانغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر ئۇ ئىككەيلەنگە بومبا ساقلاش ۋە قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بېكىتىلىپ قالسا، ئۇلار ئۆلۈم جازاسىغا دۇچ كېلىدىكەن.

سوتتىكى ئاقلىغۇچى ئادۋوكات چۇچارت كانپاي (Chuchart Kanpai) سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، نەق مەيدانغا باشتا بارغىنى ساقچىلار ئەمەس، ئەسكەرلەر ئىكەن. ساقچىلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن نەق مەيدانغا شۈبھىلىك نەرسىلەر تاشلاپ قويۇلغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تايلاندىكى بىر ئەمەلدار بۇ پارتلاشنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 100 ئۇيغۇر سەۋەبىدىن تايلاندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پىلانلانغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ئىككى ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تەقدىردە خىتايدا ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە بۇ سوتنىڭ تەرەققىياتى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نەزەرىدە بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.