گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى BASF ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.09

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە سانائىتى ماگناتى بولغان BASF شىركىتى 9-فېۋرال ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى، ‍ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ماركور شىركىتى» بىلەن بولغان ئىككى سودا ھەمكارلىق تۈرىنىڭ پايچەكلىرىنى ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى ۋە ئۇنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەن بىر خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارغان، دەپ ئەيىبلەنگەن بىر گېرمانىيە شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشىدۇر.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، BASF شىركىتى 9-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھېچقانداق دەلىل بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ پايچېكىنى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا: «يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا ھەمكارلىق تۈرىدىكى شېرىك كارخانىنىڭ BASF نىڭ قىممەت ‍ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىغا ئائىت جىددىي پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى. نەتىجىدە، BASF ئۆزىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان پايچېكىنى سېتىش جەريانىنى تېزلىتىدۇ» دېيىلگەن. لېكىن BASF نىڭ باياناتتا تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرىنىڭ پايچېكىنى سېتىشىغا ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان يۇقىرى مىقداردىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋە خىمىيەلىك ئارىلاشما ماددا بولغان بوتانىدېئول (BDO) بازىرىدىكى رىقابەت بېسىمى سەۋەب بولغانىكەن. لېكىن بۇنىڭ ئالدىدا، گېرمانىيەنىڭ ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن «ئەينەك» ژۇرنىلى ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، لاگېر ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز بىلەن بىرلىشىپ BASF شىركىتى ھەمكارلىق تۈرى ئورناتقان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» خادىملىرىنىڭ 2028-يىلى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادرىيان زېنز بۇ دەلىللەرگە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋە «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» نىڭ دوكلاتلىرىدىن ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ شاھىتلار تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.