«مۇلەن» نى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-07
Share

دىسنىي شىركىتى يېقىندا ئىشلىگەن يېڭى فىلىم «مۇلەن» 4-سېنتەبىر كۈنى تارقىتىلغاندىن كېيىن مەزكۇر فىلىمنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

«مۇلەن» ناملىق بۇ فىلىمدا خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (مىلادى4-6-ئەسىرلەر) دە ئاۋارلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە ھۇجۇم قىلغان مەزگىلدىكى بىر رىۋايەت تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇلەم ئىسىملىك بىر خىتاي قىزنىڭ ئەرەنچە ياسىنىپ، دادىسىنىڭ ئورنىغا شىمالدىن كەلگەن بۇ كۆچمەن خەلققە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقى خىتايلارنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىكى» نىڭ ئىسپاتى قىلىنغان.

مەزكۇر فىلىمدا فىلىم ئىشلىگۈچىلەر خىتاي كومپارتىيەسى ش ئۇ ئا ر پارتكومىغا ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە، شۇنداقلا تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە «فىلىم ئىشلەشكە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى» ئۈچۈن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتقان. ئارقىدىنلا مۇلەننىڭ رولىنى ئالغان خىتاي ئارتىسى ليۇ يىفېي خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى زورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق باستۇرغان خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن «مۇلەننى بايقۇت قىلىش» نامىدىكى فېيسبۇك چاقىرىقىغا كىشىلەر تۇشمۇتۇشتىن ئاۋاز قوشقان.

كانادادىكى پائالىيەتچىلەردىن شاۋن جاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئاز دېگەندىمۇ 14 لاگېرغا مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قامىۋالغان تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە رەھمەت ئېيتىشنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟» دەپ سوئال قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىمغا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق چىقىم قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ جېت لى، دوننې يەن، گوڭ لى، ليۇ يىفېي قاتارلىق داڭلىق ئارتىستلىرى رول ئالغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت