ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى مىشېل باچېلېتنىڭ بولغۇسى خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-05-18
Share

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولغانىدى؛ نۆۋەتتە بۇ زىيارەت ئۆز قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلىشقا مۇقىملاشقان بولسىمۇ، زىيارەتنىڭ قانداق ۋە قايسى شەكىلدە بولۇشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۋەدىن خەۋەر بېرىشىچە، مىشېل باچېلېت بۇ ئاينىڭ خىتايغا بېرىپ، يىللاردىن بېرى كۈتۈپ كەلگەن زىيارەت، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مىشېل باچېلېت خىتاينى بىر ھەپتە زىيارەت قىلىدىكەن؛ ئاۋۋال گۇاڭجۇغا، ئاندىن ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىكەن. بېيجىڭدا يۇقۇمنى قامال قىلىش داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ يەرگە بارمايدىكەن. ئۇ يەنە مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان كۈنلەردە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، سۆھبەت تېمىسىنىڭ ئاساسەن دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەنىدى. مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى باياناتچىسى بۇ دوكلاتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم قاچان ئېلان قىلىدىغانلىق ئۇچۇرىنىمۇ بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغىنى ئۈچۈن، مەزكۇر دوكلات تەييارلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇلىدىكەن، خىتاي تەرەپمۇ ئۇنىڭغا كۆز قارىشىنى بىلدۈرىدىكەن.

بۇ باياناتچى يەنە مىشېل باچېلېت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق سوئال سورايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ئالغان ئۇچۇرلارنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ دوكلاتنى خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ باياناتچىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قىسقىلا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىدىغانلىقى مەلۇم. كۆزەتچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرلاردىن مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى خىتاي ئەمەلدارلىرى كۈتكەن شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن؛ بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ لاگېرلارنى تەكشۈرۈپ، تۇتقۇن قىلىنغان شاھىدلار، ئىلھام توختىغا ئوخشاش تۈرمىدىكى مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشىشىمۇ ناتايىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت