ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون بايدېن ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-29
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلىش پىكىرىنى تەنقىدلەپ، دىپلوماتىك بايقۇتنىڭ «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا بىر مەدەنىي دۆلەت قايتۇرىدىغان ئەڭ ئاجىز ئىنكاس» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىشى، يەنى ئۇنى تەنھەركەتچىلەر، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھۆددىگەر شىركەتلەرمۇ بايقۇت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

تام كاتتوننىڭ باياناتى ئاقساراي بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. تام كاتتون مۇنداق دىگەن: «مەن بۈگۈن بايدېن ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىشقا، تەنھەركەتچىلەرنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، ھۆددىگەر شىركەتلەرنىمۇ قاتناشماسلىققا چاقىرىمەن.»

تام كاتتوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا 2 نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ بىرى، ئامېرىكا تەنھەركەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنى خىتاينىڭ نازارىتى، DNA پاراكەندىچىلىكى ۋە گۆرۈگە تۇتۇۋېلىشىدىن قانداق ساقلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2-نۇقتا خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە مەدىنىي دۇنياغا، شۇنداقلا ئۆز خەلقىگە قارىتا سادىر قىلغان جىنايىتى ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ يۈزمىڭلىغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرلارغاغا قاماپ، «ئېتنىك تازلاشنىڭ بىر خىل شەكلى بولغان قۇل ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقى، ئاياللىرىغا كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە تۇغماس قىلىۋاتقانلىقى، ئۆكتىچىلەر، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت