بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان ھەم ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-05-18
Share

«ياۋروپا مۇخبىرى» تاراتقۇسىنىڭ 18-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىۋىيانى تىتېلبائۇم (Viviane Teitelbaum) روشەن ئابباس بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس قاتارلىق بىگۇناھ تۇتۇلغان ھەم ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم 12-ماي كۈنى بېلگىيە ئاخباراتچىلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھەدەمنى ئىزدەش» فىلىمىنى قويۇش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىۋىيانى بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ئازابلانغانلىقىنى، دەل مۇشۇنداق پاجىئەلەر تۈپەيلىدىن مىللىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە روشەن ئابباسنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «بىز سىزگە ھېسداشلىق قىلىمىز ھەم سىزنى قەتئىي قوللايمىز. ئەلۋەتتە بىز بىرەر ئېغىز گېپىمىز بىلەن ھەدىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمايمىز، خىتاي ھاكىمىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز، بۇ ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن، مەن كىيىم ئالماقچى بولسام، ئەگەر ئۇنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى بىلسەم، ئۇنى قويۇپ قويىمەن. بىز ھېچ بولمىسا مۇشۇنى بولسىمۇ قىلالايمىز،» دېگەن.

روشەن ئابباس خانىم «ھەدەمنى ئىزدەش» فىلىمىدە ھەدىسى گۈلشەن ئابباس يولۇققان تراگېدىيە ئارقىلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلىش خەتىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان. بېلگىيەدىكى سىياسىي ھاياتىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان پارلامېنت ئەزاسى ۋىۋىيانى روشەن ئابباسنى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە ئىلھامچىسى» دەپ تەرىپلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت