خىتاي بۇ يىللىق چاغاندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى خىل كارتىنىسىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.09

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ چاغانلىق تەشۋىقاتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنى بۇ بايرامنىڭ مەركىزى تەشۋىقات نۇقتىسى قىلىشىدۇر.

خىتاينىڭ بۇ چاغانلىق تەشۋىقاتلىرىدا دۆلەت سىرتى ۋە ئىچىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل كارتىنىسىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ 3-فېۋرال كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ‍ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت فېستىۋالىدا «شىنجاڭ سەنئەت-تىياتىر ئۆمىكى» نىڭ ئويۇن كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىشى، خىتاينىڭ سىرتقى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، چاغاننى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پۈتۈنلەي پەرقلىق كارتىنىسى نامايان قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا 8-فېۋرال ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدىيودا ئۇيغۇر رىياسەتچى، چاغاننىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆرپ-ئادەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رىياسەتچى قىز، قەمەرىيە كالېندارىدا بۈگۈننىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتتىكى چاغاننىڭ «كىچىك ھارپا كۈنى» ئىكەنلىكىنى، «ئەجدادلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر چىراغ قىلىش خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيانقى چاغاندىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئادەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «چاغان مەزگىلىدە ھەر خىل كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرىنى تەييارلاشتىن باشقا يەنە «قەبرە بېشىغا چىقىپ، ئاتا-بوۋىلارنى يوقلاش» چاغان ھارپىسىدىكى «ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەت» ئىكەن. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قېتىملىق روزا، قۇربان ھېيتلىرىدا تۇپراق بېشىغا چىقىپ، خەتمە قۇرئان قىلىشى، «دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ چاغاندا «قەبرە بېشىغا چىقىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنى يوقلىشى» نىڭ «ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەت» دەپ كۆرسىتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى ئۈزۈلمەيۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كارتىنىسىنى دۆلەت ئىچىدە بىر خىل، دۆلەت سىرتىدا بىر خىل كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.