خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىققان شىركەتلەردىن ئۆچ ئېلىشى، بۇ شىركەتلەرنى «قاتتىق ئارىسالدىلىق» تا قويغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.04

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغان خەلقئارالىق ماركا-تومى خېلفىگىر بىلەن كالۋىن كلايىننى باشقۇرىدىغان PVH شىركىتىنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خىتايدىكى خەلقئارا شىركەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇلارنى تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىش ۋە خىتايدىكى سودىسىنىڭ كېلەچىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە «قاتتىق ئارىسالدىچىلىقتا» قويغان.

 «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، نۆۋەتتە بەزى خەلقئارالىق شىركەتلەر خىتاينىڭ «شىنجاڭدىن قېچىشقا يول قويماسلىق» ھەرىكىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە چىقىرىپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى چەكلەشنى بارغانسېرى كۈچەيتىشى ئارىسىدا قالغان.

ھالبۇكى بۇ خەۋەردە، يەر شارى سودا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ PVH شىركىتىنى تەكشۈرۈشى، شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن يىراقلىشىشى ئۈچۈن يەنە بىر سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قاراۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىلمېر خالې قانۇن شىركىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېستېر روس، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ نۇرغۇن خەلقئارالىق شىركەتلەردە تېخىمۇ جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ (خىتايدىن) ئايرىلىشنى كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە PVH شىركىتى ئۈستىدىن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» غا قارىتا «كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىدە» بولغانلىقى سەۋەبلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلغان غەرب كارخانىلىرىغا قارىتا تۇنجى قېتىم بۇ خىل تەھدىتتە بولۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشىنى توسۇشى ھېسابلانماقتا.

 «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىنىڭ قايت قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ BASF شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ تەستىقلىشى» نى كۈتۈپ، ئۆزىنىڭ ھەمكارلىق پاي چېكىنى ھازىرغا قەدەر ساتالمىغان. ۋولكىسۋاگېن شىركىتىمۇ بۇ يىل 2-ئايدا، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ «كېلەچىكىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر جىمجىت تۇرماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، ئانالىزچىلار بولسا شىركەتلەرنىڭ «نۆۋەتتە ھەقىقەتەن ئىنتايىن قاتتىق ئارىسالدىلىقتا قالغانلىقى» نى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.