خىتاينىڭ DeepSeek سۈنئىي ئەقىل ئەپ دېتالى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرىدىغان قورالغا ئايلانغان
2025.02.12
نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئابونتلىرى ئەڭ كۆپ سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىدىن بىرى بولغان DeepSeek خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا نەق خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بويىچە جاۋاب بەرگەن، يەنى خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان، يوشۇرغان ياكى بۇرمىلىغان.
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتى 12-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىسى دەپ ئاتىغان DeepSeek قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 3 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن.
DeepSeek كىشىلەرگە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق سوئالغا توغرا ھەم ئۈنۈملۈك جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئاشكارىلىغان. مەسىلەن، ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ «بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر تۆھمەت»، «بۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق» دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا، «كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەر قانداق دۆلەت، ئورگان ياكى شەخسكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن؛ بۇ تامامەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋابى بىلەن ئوخشاش چىققان.
DeepSeek يەنە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن شەكىلدە جاۋاب بېرىپ، «خىتاي ھازىر شىنجاڭدا مۇقىم جەمئىيەت، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن.
باشقا تاراتقۇلارمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى DeepSeek نىڭ ھازىر خىتاينىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن يەر شارى خاراكتېرلىك تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق «يامان ئۇچۇر» نى يىغىشتۇرۇپ، «ياخشى ئۇچۇر» لارنىلا تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.