دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.30

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 30-سېنتەبىر، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ 75-يىللىقى ھارپىسىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل خەلقلىرىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى سىجىل ھەرىكەت قوللىنىپ، بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەشكىلات خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، موڭغۇللار ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى دىققەت قوزغىماقچى ئىكەن. باياناتتا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى رەت قىلغانلىقى، خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتىنى كۆرسەتمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ب د ت دىكى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنىڭ 30 پىرسەنتىنى رەت قىلىشىنىڭ بۇنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئېنىق ۋە ئۆلچەملىك نىشان بەلگىلەپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان كونكرېت نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى».

 باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «بۇ تىرىشچانلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى چىقىش قىلىپلا قالماي، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتناشقان شەخس ۋە ئاپپاراتلارنى نىشانلىق جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنىمۇ چىقىش قىلىشى كېرەك» ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى بۇ چاقىرىقى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئىككىگە بۆلۈنگەن، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلسا، مۇسۇلمان ۋە تۈركىي دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3-دۇنيا ئەللىرى خىتاينى قوللاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.