خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش كويىغا كىرگەن
2025.02.14
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممى (David Lammy) ئەنگلىيەگە زىيارەتكە بارغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالغان. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندون شەھەر مەركىزىدە، خىتاينىڭ چوڭ كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىشىغا قارشى 4000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ۋاڭ يىنىڭ لوندونغا كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، ۋاڭ يىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ئەنگلىيەنى رەسمىي زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. ۋاڭ يى ئەنگلىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەنگىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 2024-يىل 7-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيەسىنىڭ بىرى قىلغان؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھاكىمىيەتتە تۇرغان مەزگىلدە، ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى دەۋردىكى ئەڭ ناچار نۇقتىغا كەلگەنىكەن.
داۋىد لاممىنىڭ رۇيتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋاڭ يى بىلەن خەلقئارا خەۋپسىزلىك، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قويۇلغان جازا چەكلىمىسى، خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەردە خىتايغا داۋاملىق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.