فاتاخ ئەمەلدارى: «شىنجاڭدىكى گۈللەنگەن ھايات غەربنىڭ خىتايغا قىلغان تۆھمىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.16

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، يەنى فاتاخ ئىنقىلابى كومىتېتى ئەزاسى باسسام زاكارنىھ (Bassam Zakarneh) «شىنجاڭدىكى گۈللەنگەن ھايات غەربنىڭ خىتايغا قىلغان تۆھمىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن.

باسسام زاكارنىھ خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى» نى ۋە غەربنىڭ خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىگە قاراتقان «تۆھمەتلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكى» نى كۆرسەتكەن.

 فاتاخنىڭ مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى باسسام زاكارنىھ بۇ سۆزلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ياشايدىكەن ۋە بىر-بىرىنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدىكەن».

باسسام زاكارنىھ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىگەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب مەملىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي بىلەن بىردەك مەيدانىنى ئىپادە قىلىپ: «مەن يېقىندا شىنجاڭغا زىيارەتكە باردىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار ھايات ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى باھانە قىلىپ خىتايغا قارا چاپلىشىنىڭ ئاساسى يوق».

يېقىندا پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات قۇرغان فاتاخ، يەنى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنقىلابى كومىتېتى ۋە پەلەستىن خەلق كۈرەش فىرونتى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىنغان ۋە ما شىڭرۈي ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغان. ما شىڭرۈي ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۆمەكتىكىلەرنىڭ زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيەلىرى داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چوقۇم تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تىنچ-ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.