ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاي خاككېرلىرى ئىشلىتىدىغان دۇنياۋى تورنى چۆكتۈرۈۋەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.09.19

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ بەرگەن ھوقۇق ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە ئالاھىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئارقىلىق، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئىشلىتىدىغان دۇنياۋى چوڭ تورنى قالايمىقانلاشتۇرغان ۋە چۆكتۈرۈۋەتكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىشىدىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىستېمال ئۈسكۈنىسىدىن تەركىب تاپقان بىر چوڭ تورىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن.

خەۋەردە 2021-يىلدىن باشلاپ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىشىدىكى يۇقىرىقى خاككېرلارنىڭ تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مائارىپ سىستېمىسى، ھالقىلىق زاۋۇت ۋە ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنى نىشان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خاككېرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، تېلېگراف ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا خاككېرلىق ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىر خاككېرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ۋىرۇسلۇق ئېلخەت ئارقىلىق يەر شارى خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان قىتئە ۋە دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە يۈز مىڭلىغان شەخسنى نىشان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.