گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دېگەن

2023.09.18

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) 15-سېنتەبىر كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دېگەن.

«سىياسەتچى» تورىنىڭ 16-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاننالېنا بايېر بوك ئالدىنقى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، دۇنيادىكى باشقا دىكتاتورلارغا، مەسىلەن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قانداق سىگنال بېرىشى مۇمكىن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇكرائىنا بۇ ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قازىنىشى كېرەك» دېگەن.

ئاننالېنا بايېربوكنىڭ بۇ سۆزى، يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ قالغان ۋەزىيىتىگە توغرا كەلگەن. گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ھەمكارلىقتىن رىقابەتكە ۋە زىددىيەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاننالېنا بايېر بوك تەۋە بولغان گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى خىتايغا قاتتىق قول بولۇشتا ئۆز ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن كالىفورنىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلىرىدە شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دېيىشتە جوۋ بايدېننىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي رەھبەرلىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئېتىبارى بارغانچە چۈشۈۋاتقان بولۇپ، «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بۇ يىل 11-ئايدا ئاچىدىغان سۈنئىي ئەقىل مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلماسلىقنى ئويلاشقان، بۇنىڭدىكى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىدە كەڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.