جەنۇبىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قەشقەر بىلەن ئىچكىرى خىتاينىڭ ھاۋا يولىنى تېخىمۇ زىچ باغلىماقچى ئىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھەر كۈنى قەشقەر بىلەن ئىچكىرى خىتايدىكى 25 شەھەر ئارىلىقىدا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى كۆپەيتمەكچى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھاۋا يولى قەشقەرگە بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر 16 گە يەتكەن. قەشقەر ئايرودرومى ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئەڭ ئالدىراش ئايرودرومغا ئايلانغان.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلدىن بۇيان قەشقەر شەھىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىدىغان «زامانىۋى شەھەر» گە ئۆزگەرتىشنى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن.

جەنۇبىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى «شىنجاڭغا ياردەمگە كېلىدىغانلار، سودا-تىجارەت ۋە ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قامداش» ئۈچۈن ھەر كۈنى قاتنايدىغان ئايروپىلان قېتىم سانىنى 30 غا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

خىتاينىڭ ئىلگىرىكى تەشۋىقاتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ھاۋادىكى يىپەك يولى» بۇ خەۋەردە «ھاۋادىكى راۋان يول» يەنى «قەشقەر بىلەن ئىچكىرى خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقە ۋە ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش يولى» دەپ ئېلىنغان. ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن جاۋابىدا، خىتاينىڭ بۇ زور كۆلەملىك ھاۋا يولى، تۆمۈر يول ۋە تاشيول تورى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشنى ۋە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشنى، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر رايونىدىكى تىجارەتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ياۋروپاغا كېڭەيتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.